خىتاينىڭ «ئىككى يىغىن»ى ئاخىرلاشقان بولۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ يىغىنغا قاتناشماسلىقى قاتارلىق بىر قىسىم نۇقتىلار گۇمان قوزغىماقتا.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ بۇ يىلدىكى ئەڭ چوڭ سىياسىي پائالىيىتى بولغان خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي كېڭەش يىغىنى 11-مارت ئاخىرلاشقان. ئىككى مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان بۇ يىغىن بىر ھەپتە داۋاملاشقان بولۇپ، يىغىندا خىتاي رېجىمى ئىقتىسادىي ئۆسۈش نىشانىنى بەلگىلەپ، خىزمەت دوكلاتىنى ماقۇللىغان بولسىمۇ، نۇرغۇن تۈگۈنلەرنى قالدۇرۇپ قويغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە سىياسىي گۇمانلار ۋە ئىقتىسادىي سىياسەتلەر بار ئىكەن.
خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدىكى مۇنبەردە ئالاھىدە بىر ئەھۋالنى بايقىغان بولۇپ، مۇراسىمغا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، خەلق قۇرۇلتىيى كومىتېتىنىڭ رەئىسى جاۋ لېجى قاتناشمىغان. ئۇنىڭ ئورنىدا خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، سىياسىي بىيۇرو ئەزاسى لى خوڭجۇڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان. ئۇ جاۋ لېجىنىڭ نەپەس يولى ياللۇغى سەۋەبلىك يىغىنغا قاتنىشالمىغانلىقىنى ئېيتقان.
بۇ چۈشەندۈرۈش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىچكى زىددىيەتلىرى ھەققىدە گۇمان قوزغىغان. چۈنكى خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالى مەخپىيەتلىك ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، سىرتقا ناھايىتى ئاز ئېلان قىلىنىدىكەن.
خىتاي تەشۋىقات ئورگانلىرىمۇ جاۋ لېجىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي سىياسىي كېڭەش يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا ۋە مەملىكەت خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى ئۈچىنچى قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشمىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. ئەمما بۇ ھەقتە ھېچقانداق چۈشەنچە بېرىلمىگەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل 68 ياشقا كىرگەن جاۋ لېجىنىڭ باشقا دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى بىلەن بىللە بۇنداق مۇھىم يىغىندا كۆرۈنمىگەنلىكى يېقىنقى 20 نەچچە يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق ئەھۋال ئىكەن.
خىتاي سىياسىتى ئانالىزچىلىرىمۇ خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى رەئىسىنىڭ بۇ يىلقى ئەڭ مۇھىم يىغىنغا قاتناشماسلىقىنىڭ نورمال ئىش ئەمەسلىكىنى، بۇنداق ئەھۋالنىڭ ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ