خىتاي ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتمەكتە

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشغالىيىتىنى پەردازلاش تەشۋىقاتىنى ئالاھىدە كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، «مېنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى ھېكايەم» تېمىسىدا ماقالە قوبۇل قىلىش پائالىيىتى باشلىغان.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتخانىسى(گۇرۇھى)» 8-ئاپرېلدىن تارتىپ «مېنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى ھېكايەم» تېمىسىدا ماقالە قوبۇل قىلىش پائالىيىتى باشلىغان بولۇپ، ئاپتورلارنىڭ شەخسىي كەچۈرمىشلىرى، ھېس-تۇيغۇسى ئارقىلىق، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەن «مۇۋەپپەقىيەتلىرى»نى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەكلىكى دەۋا قىلىنغان.

بۇلاردىن سىرت، 7-ئاپرېل 3-نۆۋەتلىك ئاتالمىش «شىنجاڭ مەدەنىيەت-سەنئەت بايرىمى» باشلانغان بولۇپ، بۇنى ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى» بىلەن «مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى» بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئورۇنلاشتۇرغان. بۇ تەشۋىقات ھەرىكىتىدىمۇ ئوخشاشلا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى باش تېما قىلىنغان بولۇپ، ھەرقايسى جايلاردىكى ئىدارە-ئورگانلار، ئالىي مەكتەپلەر بىر تۇتاش قاتناشتۇرۇلغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بۇ نۆۋەتلىك مەدەنىيەت-سەنئەت بايرىمىدا خىتاي رېجىمى مەدھىيەلەنگەن، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى پەردازلانغان تەشۋىقات خاراكتېرلىك تۈرلۈك تىياتىرلار قويۇلغاندىن سىرت، جىڭجۈ تىياتىرى، چىنچياڭ ئەلنەغمىسى دېگەندەك خىتاينىڭ ئويۇنلىرى قويۇلىدىكەن.

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، ساختا تەشۋىقات ھەرىكىتىنى كۈنسېرى زورايتىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا ئاتالمىش «تۈمەنلىگەن كىشى شىنجاڭ توغرىسىدا سۆزلەش» تېمىسىدا قىسقا سىن مۇسابىقىسى تەشكىللىگەنىدى. مەزكۇر مۇسابىقىدىمۇ ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»نىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، ساياھەتچىلىكى، تارىخى... قاتارلىق تۈرلۈك تېمىلاردا ئىجابىي مەزمۇنلارنى تەسىرلىك بايان قىلىشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىنغانىدى. خىتاي بۇ يىل ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن ساختا تەشۋىقات ھەرىكەتلىرىنى جىددىي كۈچەيتمەكتە.

بۇ خەۋەر 450 قېتىم كۆرۈلدى
14/04/2025 15:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق