ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ دونېتسك رايونىدا رۇسىيە ئارمىيەسى ئۈچۈن ئۇرۇشقا قاتناشقان ئىككى خىتاي ئەسكەرنى ئەسىر ئالغانلىقىنى، رۇسىيە ئارمىيەسىدىكى خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ پەقەت بۇلارلا ئەمەسلىكىنى ئېلان قىلدى.
زېلېنسكىي ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى X تا ئېلان قىلغان باياناتىدا، مەزكۇر خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي دونېتسك رايونىدا كىملىكى، بانكا كارتىلىرى ۋە شەخسىي ئۇچۇرلىرى بىلەن قولغا چۈشكەنلىكىنى، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ئالتە خىتاي ئەسكىرىگە قارشى جەڭ قىلىپ، ئۇلاردىن ئىككىسىنى ئەسىر ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇ ئۇچۇرىغا قوشۇپ، قولى باغلانغان، خىتايچە سۆزلەۋاتقان بىر خىتاي ئەسكەرنىڭ ۋىدىيوسىنى ھەمبەھرىلىگەن.
بۇ ئۇكرائىنانىڭ خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ رۇسىيە ئۈچۈن ئۇرۇشۇۋاتقانلىقىنى تۇنجى قېتىم رەسمىي ئېلان قىلىشى بولۇپ، بۇندىن ئىلگىرى شىمالىي كورېيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى رۇسىيەگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن مىڭلىغان ئەسكەر ئەۋەتكەنلىكى ئاشكارىلانغانىدى. 8-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا زېلېنسكىي بۇ ھەقتە توختىلىپ: «پەرق شۇكى، شىمالىي كورېيەلىكلەر كۇرسكتا بىزگە قارشى ئالدىنقى سەپتە ئۇرۇشتى، خىتايلار بولسا ئۇكرائىنا زېمىنىدا ئۇرۇشۇۋاتىدۇ» دېگەن.
BBC قانىلىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاندرى سىبىھا بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى، ئۇكرائىنا زېمىنىدا ئۇرۇشقا قاتناشقان خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي دەۋا قىلىۋاتقان «تىنچلىق پوزىتسىيە»گە گۇمان تۇغدۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ۋە خىتاينىڭ ئۇكرائىنادىكى باش ئەلچىسىنى بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشكە چاقىرغان.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تامى بىرۇس بۇ خەۋەرنىڭ كىشىنى بىئارام قىلىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئەمەلىيەتتە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى ئۇرۇشتىكى چوڭ قوللىغۇچىسى ئىكەنلىكىنى، ئورۇن بەلگىلەش ئۈسكۈنىلىرى، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئۆزەكلەر ۋە ئايروپىلان زاپچاسلىرى قاتارلىق تۈرلۈك ھەربىي بۇيۇملارنى تەمىنلەۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لىن جيەن بۈگۈن بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بەرگەندە، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىپ، ۋەقەنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ رۇسىيە ئۈچۈن ئەسكەر ئەۋەتكەنلىكى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرنىڭ پۈتۈنلەي ئاساسسىز ئىكەنلىكى ھەققىدە جار سالدى.