ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە خەلقئارالىق مەبلەغ سېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، خىتاي بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، مەزكۇر مۇنبەردە ئىرقىي قىرغىنچىلىق، خۇسۇسەن مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايىتى داۋاملىشىۋاتقان شەرقىي تۈركىستانغا مەبلەغ سېلىش ھەققىدە مەخسۇس يىغىن ئۆتكۈزدى.
14-نۆۋەتلىك ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى خەلقئارا مەبلەغ سېلىش يىغىنى 7-ئاپرېل ئابۇزەبىي خەلقئارالىق كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلانغان بولۇپ، ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان مەزكۇر مۇنبەرگە 180 دۆلەتتىن كەلگەن دۆلەت ئەربابلىرى، بانكىرلار، سودىگەرلەردىن بولۇپ 20 مىڭدىن ئارتۇق مېھمان ئىشتىراك قىلغان. مەزكۇر مۇنبەردە 400 قېتىمدىن ئارتۇق يىغىن ۋە تارماق يىغىنلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇنى پۇرسەت بىلگەن خىتاي ئاتالمىش «شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىش» مەخسۇس يىغىنى ئورۇنلاشتۇرغان.
يىغىندا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىمىي ئىشلار كومىتېتى»نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چېن ۋېيجۈن سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، سودا، ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش، تەبىئىي بايلىق ۋە يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردە مەبلەغ سېلىش پۇرسىتىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان.
يىغىنغا شەرقىي تۈركىستاندىكى بەزى شىركەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى، خۇسۇسەن ئاز بىر قىسىم ئۇيغۇرلار قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، خىتاي بۇ ئارقىلىقمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پەردازلاشقا ئۇرۇنغان.
ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى جىنايىتى سەۋەبلىك خەلقئارانىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى تەنقىدى، بېسىمى ۋە جازاسىغا ئۇچرىغان خىتاي بارلىق ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىپ، بۇ جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشقا، پەردازلاشقا، شۇنداقلا جازا يۈرگۈزۈلۈش سەۋەبلىك دۇچ كەلگەن ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ۋە چېكىنىشنىڭ ئورنىنى تولۇقلاشقا ئۇرۇنماقتا.