ئامېرىكا خىتايدىن كەلگەن يوللانمىلارغا ئىككى ھەسسە باج قوشتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ مەمۇرىي بۇيرۇق ئىمزالاپ، خىتاي ۋە خوڭكوڭدىن ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىنغان، قىممىتى 800 دوللارغا يەتمەيدىغان كىچىك پوسولكىلارغا يەنە ئىككى ھەسسە تاموژنا بېجى قوشتى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئورگان تور بېتىدىكى 8-ئاپرېل ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، يېڭى قارار بويىچە ھەر بىر كىچىك پوسۇلكا ئۈچۈن مال تاپشۇرۇۋالغۇچى چوقۇم تاۋارنىڭ %90 ى ياكى 75 دوللار قىممىتىدىكى تاموژنا بېجى تاپشۇرۇشى كېرەك ئىكەن. 1-ئىيۇندىن كېيىن ھەر بىر پوسۇلكىنىڭ ئېغىرلىققا ئاساسەن ئېلىنىدىغان بېجى 150 دوللارغا ئۆرلەيدىكەن.

ئاقساراي 2-ئاپرېل ئېلان قىلغان قارارىدا خىتاي بىلەن خوڭكوڭ ئوتتۇرىسىدىكى كىچىك پوسۇلكىلاردىن باج كەچۈرۈش قىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقىنى ۋە 6-ئايدىن باشلاپ تاۋار قىممىتىنىڭ %30 ى، ياكى ھەر پوسۇلكا  ئۈچۈن 25 دوللار باج ئالىدىغانلىقى، 6-ئايدىن باشلاپ 50 دوللار ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. ئەمما خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك باج قويۇش قارارى سەۋەبلىك، تىرامپ ھۆكۈمىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە باجنى يەنە ھەسسىلەپ ئۆستۈرگەن.

ئىگىلىنىشچە، تاموژنا بېجى باشلىنىشتىن بۇرۇن توشۇلغان، تاموژنا بېجى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن ئامېرىكىغا كەلگەن نۇرغۇن ماللار پورتلاردا توختاپ قالغان. تىجارەتچىلەر مالنى تاپشۇرۇۋېلىشنى رەت قىلغاچقا، ئىشلەپچىقارغۇچىلار پۇلىنى ئالالمىغان.

بۇ خەۋەر 159 قېتىم كۆرۈلدى
14/04/2025 15:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق