ئالدىنقى پەسىلدە ياۋروپا، ئاسىياغا توشۇلغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى يۇقىرى پەللىگە چىققان

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئاسىيا، ياۋروپا ئەللىرىگە داۋاملىق توشۇۋاتقان بولۇپ، ئالدىنقى پەسىلدە مال ئۆتكۈزۈش مىقدارى يۇقىرى چەككە يەتكەن.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ 9-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە بۇ يىل 1-پەسىلدە قورغاس چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق قاتنىغان خىتاي-ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزىنىڭ 2375 قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن  %28.5 ئاشقانلىقى، مال ئۆتكۈزۈش مىقدارىنىڭ 3 مىليون 336 مىڭ توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن  %26 ئاشقانلىقى ۋە تارىختىكى ئوخشاش مەزگىل بويىچە يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغانلىقى قەيت قىلىنغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىلدىن بۇيان قورغاس چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق كۈندە قاتنايدىغان خىتاي-ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى 23 قېتىمدىن ئاشقان بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر ئىككى سائەتتە بىر قېتىمغا توغرا كەلگەن. 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە نۆۋەتچى پويىزنىڭ قاتناش لىنىيەسى 87 گە يېتىپ، چېگرا سىرتىدىكى 18 دۆلەت، 46 شەھەر ۋە رايونغا تۇتاشقان.

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى، خۇسۇسەن مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان بارلىق مەھسۇلاتلار مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق دەپ قارىلىۋاتقان بولسىمۇ، داۋاملىق ياۋروپا، ئاسىيا ئەللىرىگە توشۇلماقتا.

بىر نەچچە ئاي بۇرۇن ئېلان قىلىنغان دوكلاتلاردا شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان شوخلا قىيامى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ياۋروپانىڭ تاللا بازارلىرىغا كىرىۋاتقانلىقى ئاشكارىلىنىپ، كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغانىدى.

بۇ خەۋەر 460 قېتىم كۆرۈلدى
14/04/2025 16:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق