د ئۇ ق باياناتچىسى خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىندى

شىۋېتسىيە تەپتىش ئورگىنى بىر ئۇيغۇرنى خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئالغان بولۇپ، مەزكۇر ئۇيغۇرنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خىتاي تىلى باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىۋېتسىيەنىڭ بىر تەپتىش ئەمەلدارى 7-ئاپرېل بىر ئۇيغۇرنى خىتاي رېجىمىغا ئۇيغۇرلارنىڭ مەلۇماتلىرىنى ۋە ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرىنى يەتكۈزۈش بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئېلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، نۆۋەتتە بۇ دېلونىڭ تەكشۈرۈش باسقۇچىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، 9-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن سولنا شەھىرىدىكى سوت مەھكىمىسىدە تۇنجى قېتىملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. مەزكۇر دېلوغا چېتىشلىق يەنە بىر جىنايەت گۇماندارى بار بولۇپ، ئۇ ھەقتە تېخى سوتتىن بۇرۇنقى قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلمىگەن.

ئالاقىدار خەۋەردە مەزكۇر ئۇيغۇرنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان بولۇپ، پەقەت بىر خەلقئارالىق تەشكىلاتنىڭ باياناتچىسى دېيىلگەن. سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆججەتلىرىگە ئاساسەن، مەزكۇر ئۇيغۇرنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خىتاي تىلى باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان.

مەزكۇر خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تۈنۈگۈن بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، قۇرۇلتاي رەئىسلىكىنىڭ جىددىي يىغىن ئېچىپ، دىلشات رېشىتنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشى ھەققىدە قارار چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.

دىلشات رېشىت 1967-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، 2004-يىلىدىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ خىتاي تىلىدىكى باياناتچىسى ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلگەن.

بۇ خەۋەر 240 قېتىم كۆرۈلدى
14/04/2025 16:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق