خىتاينىڭ جاسۇسلۇق دېتالىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نازارەت قىلغانلىقى ئاشكارىلاندى

ئەنگلىيە، ئامېرىكا، كانادا، يېڭى زېلاندىيە، ئاۋسترالىيە ۋە گېرمانىيەنىڭ تور بىخەتەرلىك ئورگانلىرى 8-ئاپرېل ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ جاسۇسلۇق دېتالى ئارقىلىق چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى، تىبەتلەرنى ۋە تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرىنى نازارەت قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مەزكۇر جاسۇسلۇق ئەپ دېتاللىرىنى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىغا چېتىشلىق بولغان سىچۈەن دىيەنكې تور بىخەتەرلىكى تېخنىكا شىركىتى تارقاتقان بولۇپ، دوكلاتتا بۇ جاسۇسلۇق ئەپ دېتاللىرىنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان تەھدىت ئىكەنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەن.

مەزكۇر شىركەت تارقاتقان جاسۇسلۇق دېتاللىرىغا MOONSHINE  ۋە BADBAZAAR دەپ ئىسىم قويۇلغان بولۇپ، ئالاقە ئۈسكۈنىلىرىنىڭ مىكروفون ۋە كامېرالىرىغا بۆسۈپ كىرىپ، قىسقا ئۇچۇر، سۈرەت ۋە ئورۇن مەلۇماتلىرىنى يىغىدىكەن.

ئەنگلىيە دۆلەتلىك تور بىخەتەرلىك مەركىزى بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشىدا، ئەڭ چوڭ خەۋپكە دۇچ كېلىۋاتقانلارنىڭ ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرى ۋە ئۇلارغا ئالاقىدار تەشكىلاتلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ سوئالىغا جاۋاب قايتۇرۇپ، بۇرۇنقىدەكلا جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان ۋە: «خىتاي ئاساسسىز پاكىتلار ئارقىلىق بوھتان چاپلاشقا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ» دەپ بىلجىرلىغان.

بۇ خەۋەر 245 قېتىم كۆرۈلدى
14/04/2025 16:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق