ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى قاتتىق كەسكىنلەشتى

خىتاي تىرامپ ھۆكۈمىتى بېكىتكەن مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك باج قارارىدىن ۋاز كەچمەيلا قالماستىن، ئامېرىكا ماللىرىغا يەنە %50 باج قوشقاندىن كېيىن، ئامېرىكا خىتايغا قاراتقان تاموژنا بېجىنى %125 كە چىقاردى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ 2-ئاپرېل بىر مەمۇرىي بۇيرۇق ئىمزالىغان بولۇپ، ئامېرىكىغا كىرگۈزۈلگەن بارلىق ماللاردىن ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ %10 تاموژنا بېجى ئېلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. مەزكۇر قاراردا خىتايغا %34 باج قويۇلغان بولۇپ، ئالدىنقى ئايلاردا بېكىتىلگەن باجلارنى قوشقاندا خىتايدىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجى %54 كە يەتكەنىدى. خىتاي 4-ئاپرېل ئامېرىكىنىڭ بۇ قارارىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامېرىكا ماللىرىدىن %34 باج ئېلىنىدىغانلىقىنى، 10-ئاپرېلدىن تارتىپ كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

تىرامپ خىتاينىڭ بۇ قارارىغا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇپ، تىرامپ خىتايغا 8-ئاپرېلنى ئاخىرقى مۇددەت قىلىپ بېكىتكەن ۋە ئەگەر خىتاي بۇ ۋاقىتتىن بۇرۇن ئامېرىكىغا قاراتقان ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك باج قارارىدىن يانمىسا، يەنە %50 باج قوشىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ 9-ئاپرېل كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

ئەمما خىتاي ئامېرىكىنىڭ بېكىتكەن مۇددىتىگە پىسەنت قىلماي، 9-ئاپرېل ئامېرىكا ماللىرىغا يەنە %50 باج قوشۇپ، ئومۇمىي باج مىقدارىنى %84 كە يەتكۈزدى. خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپنى قاتتىق غەزەپلەندۈرگەن بولۇپ، ئۇ خىتايغا قارىتىلغان ئومۇمىي باج مىقدارىنى %104 تىن بىراقلا %125 كە ئۆستۈردى ۋە دەرھال كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

تىرامپ يەنە 75 دۆلەتنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن باج قارارى ھەققىدە سۆھبەتلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ كۈچلۈك تەشەببۇسى بىلەن بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھېچقانداق ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك تەدبىر قوللانمىغانلىقىنى، بۇ سەۋەبلىك مەزكۇر دۆلەتلەرگە قاراتقان باج قارارىنى 90 كۈنلۈك مۇددەت بىلەن توختىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى، باشقا دۆلەتلەردىن ئېلىنىدىغان باجنىمۇ %10 كە چۈشۈرىدىغانلىقىنى، بۇ قارارلارنىڭ دەرھال كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. بۇنىڭ بىلەن بۇ قېتىملىق تاموژنا بېجى ئۇرۇشى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىغا مەركەزلەشكەن.

ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى جىددىي تىركىشىش دۇنيا ئىقتىسادىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، پاي چېكى بازىرى، ماي باھاسى، ئالتۇن باھاسى قاتارلىقلاردا داۋالغۇش كۆرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 254 قېتىم كۆرۈلدى
14/04/2025 16:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق