خىتاينىڭ تۈرلۈك يىغىن، پىلانلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىۋاتقان بولۇپ، ما شىڭرۈي ئالدىنقى كۈنلەردە ئاتالمىش «دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتى»گە ئالاقىدار ئورۇنلارنى مەخسۇس زىيارەت قىلغان ۋە بىخەتەرلىكنى داۋاملىق ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ ئالاقىدار خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى»نىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي 9-ئاپرېل دۆلەت خەۋپسىزلىكى، مالىيە-ئىقتىسادقا ئالاقىدار ئورۇنلارنى مەخسۇس تەكشۈرۈش ئۈچۈن بارغان. شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ باش ئىجراچىلىرىدىن بىرى بولغان، ئىلگىرى ج خ نازارىتىنىڭ نازىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ۋە بىر نەچچە ئاي بۇرۇن ما شىڭرۈينىڭ مۇئاۋىنى بولۇپ تەيىنلەنگەن چېن مىڭگومۇ تەكشۈرۈشكە بىرگە بارغان.
ما شىڭرۈي بۇ جەرياندا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بىخەتەرلىكى، تۈزۈم بىخەتەرلىكى، ئىدېئولوگىيە بىخەتەرلىكى ۋە باشقا نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى نۇقسانسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەكلىكىنى، سىياسىي بىخەتەرلىكنى باش ئورۇنغا قويۇش كېرەكلىكىنى، زور خەۋپ-خەتەر پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقى بولغان يوشۇرۇن خەۋپنى بىخ ھالىتىدە بايقاش ۋە بىر تەرەپ قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. خىتاي ئەمەلدارلىرى يەنە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مالىيە - ئىقتىساد ئىشخانىسى»نىمۇ تەكشۈرگەن.
خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە سىستېمىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ، شەرقىي تۈركىستاننى بىر ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرغان بولسىمۇ، داۋاملىق ھالدا ئاتالمىش «جەمئىيەت ئامانلىقى، دۆلەت بىخەتەرلىكى»نى چىڭ تۇتۇش، ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇش قاتارلىق تېررور سىياسەتلىرىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە ۋە بۇ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى يۇقىرى بېسىملىق ۋەزىيەتنىڭ داۋاملىق كۈچەيتىلىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلماقتا.