سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان تۆت ئۇيغۇر خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىش خەۋپىدىن قۇتۇلۇپ، تۈركىيەگە ساق-سالامەت يېتىپ كەلدى.
مەزكۇر تۆت ئۇيغۇرنىڭ بىرى 2020-يىلى 2-ئايدا سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئۆمرە ھەجگە بېرىپ، خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك تۈركىيەگە قايتالماي تۇرۇپ قالغان ھەمدۇللاھ ۋەلى، يەنە بىرى 2006-يىلىدىن بېرى سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇرۇش رۇخسىتى بىلەن ياشاپ كېلىۋاتقان نۇرمۇھەممەت روزى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە تۈركىيەنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىقامىتى بار ئىكەن. بۇخەلچەم ئابدۇللاھ خانىم نۇرمۇھەممەد روزىنىڭ ئىلگىرىكى ئايالى بولۇپ، 2022-يىلى 30-مارت 13 ياشلىق قىزى بىلەن قوشۇلۇپ سەئۇدى ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنىدى.
ئۇلار 2022-يىلى ئاپرېل ئېيىدا گۇاڭجۇغا ئۇچىدىغان ئايروپىلان بىلەن خىتايغا قايتۇرۇۋېتىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا سەئۇدى دائىرىلىرى خەلقئارالىق بېسىم ئاستىدا ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇشنى توختىتىپ قويغانىدى.
بىر نەچچە يىلدىن بۇيان مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى، تەشكىلاتلار ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىغا ئوخشاش خەلقئارالىق ئورگانلار مەزكۇر ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلماسلىقى، بىخەتەر بىر دۆلەتكە قويۇپ بېرىلىشى ھەققىدە كۆپ قېتىم چاقىرىق قىلغانىدى.
خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى داۋاملىشىۋاتقان ۋە بۇ ھەقتە خەلقئارانىڭ كۆزىنى بوياۋاتقان بىر پەيتتە، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارانىڭ بېسىمىغا، چاقىرىقلىرىغا قارىماي، 40 ئۇيغۇرنى ئۆلۈمگە ئىتتىرىپ، خىتايغا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى قاتتىق قايغۇغا سالغان بولسىمۇ، بىر نەچچە يىلدىن بېرى ماراكەش تۈرمىسىگە قامالغان ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئىدرىس ھەسەننىڭ، تايلاندتىكى ئۈچ ئۇيغۇرنىڭ، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى تۆت ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىككە چىقىپ، بىخەتەر دۆلەتكە يېتىپ بېرىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قەلب يارىسىغا ئازغىنە بولسىمۇ تەسەللىي بولماقتا.