ئالما شىركىتى ئىشلەپچىقىرىشنى خىتايدىن ھىندىستانغا يۆتكىمەكتە

ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشىنىڭ كەسكىنلىشىۋاتقان بىر مەزگىلدە، ئالما شىركىتى 2026-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئامېرىكىدا سېتىلىدىغان كۆپ قىسىم يانفونلىرىنىڭ قۇراشتۇرۇش باسقۇچىنى خىتايدىكى ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدىن ھىندىستانغا يۆتكەشنى پىلانلىغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر پىلان ھازىرچە مەخپىي بولۇپ، ئالما شىركىتى خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى فۇشىكاڭ ۋە ھىندىستاننىڭ ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى تاتا بىلەن جىددىي سۆھبەتلەشمەكتىكەن.

ئالما شىركىتى ھەر يىلى ئامېرىكىدا 60 مىليوندىن ئارتۇق يانفون ساتىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە بۇنىڭ تەخمىنەن %80 ى خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن. ئالما شىركىتى ھىندىستاندىكى ئىشلەپچىقىرىشنى كۈچەيتىپ كەلگەن بولۇپ، ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشىنىڭ جىددىي كەسكىنلىشىشى سەۋەبلىك، يۆتكەش قەدىمىنى تېخىمۇ تېزلەتكەن. ئالما شىركىتى بۇ ئارقىلىق يۇقىرى نىسبەتلىك تاموژنا بېجىنىڭ مەھسۇلات تەننەرخىنى ئاشۇرۇۋېتىش بېسىمىدىن قۇتۇلۇشقا تىرىشقان.

ئايفوننىڭ قۇراشتۇرۇش باسقۇچى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدىكى ئاخىرقى باسقۇچ بولۇپ، نەچچە يۈزلىگەن زاپچاسلارنى توپلاپ، قۇراشتۇرۇپ، پۈتكەن ھالەتكە كەلتۈرىدىكەن. مەزكۇر ئىش باسقۇچىغا كېرەكلىك ئەسلىھەلەرنى ھىندىستانغا يۆتكەش ئۈچۈن ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدىكەن.

ئالدىنقى ئايدا ئالما شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى تىم كۇكنىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىشى ئالاھىدە دىققەت قوزغىغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇنى خىتاي سودا مىنىستىرى كۈتۈۋالغانىدى.

بۇ خەۋەر 170 قېتىم كۆرۈلدى
28/04/2025 16:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق