ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارىتىلغان جازانى ئەمەلدىن قالدۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى سەۋەبلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىغا يۈرگۈزگەن جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ قارارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش پىلانى يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى 2021-يىلى 22-مارتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە جازا لاگېرىغا قاماش، باستۇرۇش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغان بىر قىسىم خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋە ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش دىۋىزىيەسىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىغا جازا يۈرگۈزگەنىدى. جازا تىزىملىكىگە ئەينى ۋاقىتتىكى ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت»نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ نازىرى چېن مىڭگو، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە دائىمىي كومىتېتى»نىڭ ئەزاسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ مىڭشەن، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش دىۋىزىيەسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ جۈنجېڭ، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى»نىڭ سابىق مۇئاۋىن سېكرېتارى، مۇئاۋىن مۇدىرى جۇ خەيلۈن قاتارلىقلار كىرگۈزۈلگەنىدى. ئەينى ۋاقىتتا خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ قارارىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى ۋە تەتقىقاتچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئون كىشىگە، شۇنداقلا تۆت ئورگانغا جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.

جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى گېزىتىنىڭ ئالدىنقى ھەپتىدىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىغا قارىتىلغان جازا تەدبىرلىرىنى بىكار قىلىش ھەققىدىكى سۆھبىتى ئاخىرقى باسقۇچتا بولۇپ، كېيىنكى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى سىياسەت ۋە جازا تەدبىرلىرىگە نازارەتچىلىك قىلىدىغان ئورگاننىڭ بىر باياناتچىسى بۇ توغرۇلۇق ئۇچۇر بېرىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتىدە ياخشىلىنىش كۆرۈلمىگەنلىكىنى، بۇ سەۋەبلىك خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىغا قاراتقان جازانى بىكار قىلغان تەقدىردىمۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي ئەمەلدارلارغا يۈرگۈزۈلگەن جازانى بىكار قىلىش پىلانى يوقلۇقىنى، ئەسلىدىكى قارارنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋىتى يېقىنقى يىللاردا ئىزچىل ناچارلاشقان بولۇپ، تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى نىسبەتتىكى تاموژنا بېجى قارارى خىتايغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە، خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بۇزۇلغىلى ئۇزۇن بولغان «خىتاي-ياۋروپا ئومۇميۈزلۈك مەبلەغ كېلىشىمى»نى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا باشلىغان. ھالبۇكى، خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئورگانلىرىغا يۈرگۈزگەن جازانى بىكار قىلىشى كېلىشىمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى مۇھىم شەرتلەردىن بىرى بولۇپ قالغان.

بۇ خەۋەر 65 قېتىم كۆرۈلدى
30/04/2025 13:24:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق