ئالدىنقى پەسىلدە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ساياھىتى» داۋاملىق كۆپەيگەن

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پىلانلىق ساياھەتلەرنى تەشكىللەش ئارقىلىق يوشۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەقتە بىر قىسىم دوكلاتلار ئېلان قىلىنغانىدى. شەرقىي تۈركىستاندىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ساياھىتى» ئالدىنقى پەسىلدە داۋاملىق كۆپەيگەن بولۇپ، 45 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتكەن.

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل 1-پەسىلدە شەرقىي تۈركىستانغا بارغان ساياھەتچى سانى 44 مىليون 634 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.08 ئاشقان. ساياھەتچىلەرنىڭ ئىستېمال خىراجىتى 49 مىليارد 248 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.58 ئاشقان. خىتاي بۇ جەرياندا يەنە 21 مىڭ مەيداندىن ئارتۇق پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرغاندىن سىرت، كۆپلىگەن ساياھەت كۆرگەزمىسى، سودا يەرمەنكىسى ئۆتكۈزگەن.

خىتاي يېقىنقى يىللار مابەينىدە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ساياھىتى»نى كېڭەيتىش ئارقىلىق، بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستاندا ھېچ ئىش بولمىغاندەك كۆرۈنۈش يارىتىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى پەردازلاشقا ئۇرۇنسا، يەنە بىر تەرەپتىن غايەت زور ئىقتىسادىي كىرىمگە ئېرىشمەكتە. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، خىتاينىڭ بۇ جىنايىتىگە بىر قىسىم خەلقئارالىق ساياھەت شىركەتلىرى ۋە مېھمانخانىلارمۇ شېرىك بولماقتا.

ۋاشىنگتونغا جايلاشقان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى قۇرۇلۇشى» 17-ئاپرېل يېڭى دوكلات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ چاقىرىقلىرى ۋە ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا قارىماي، 189 خەلقئارالىق مېھمانخانىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تىجارەت قىلىۋاتقانلىقىنى ياكى تىجارەت قىلىشنى پىلانلىغانلىقىنى، مېھمانخانا سانىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشى خىتاينىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ساياھىتى» تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش، ساياھەت  نۇقتىلىرىنى كۆپەيتىش ھەرىكىتى بىلەن ماس قەدەمدە بولغانلىقىنى ئاشكارىلىغانىدى.

بۇ خەۋەر 55 قېتىم كۆرۈلدى
30/04/2025 13:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق