خىتاينىڭ ب د ت غا كۆپلىگەن ساختا تەشكىلاتلارنى كىرگۈزگەنلىكى ئاشكارىلاندى

خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تەسىر كۈچىنى زورايتىشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشلىرى ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەن بولۇپ، يېقىنقى بىر تەكشۈرۈشتە خىتاي رېجىمىنىڭ نۇرغۇنلىغان ساختا «ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات»لارنى ب د ت ئاپپاراتلىرىغا سىڭدۈرۈپ كىرگۈزگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

خەلقئارا تەكشۈرگۈچى مۇخبىرلار بىرلەشمىسى (ICIJ) 28-ئاپرېل بىر تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلغان بولۇپ، 42 تاراتقۇ ئورگىنى قاتناشقان مەزكۇر تەكشۈرۈش خىتاينىڭ ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كېڭىشىدىكى ھەرىكەتلىرىگە مەركەزلەشكەن.

تەكشۈرۈش دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي، خوڭكوڭ، ئاۋمېن ۋە تەيۋەندىن ب د ت غا تىزىملاتقان 106 ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ 59 ىنىڭ خىتاي رېجىمى ياكى خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن قويۇق مۇناسىۋىتى بار ئىكەن. ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات سالاھىيىتىگە كىرىۋالغان مەزكۇر تەشكىلاتلار ب د ت كېڭىشىدە خىتاينىڭ تەرىپىنى ئېلىپلا قالماي، دوكلاتلىرىدا خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى پەردازلاپ كەلگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كېڭىشىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، تىبەتتىكى ئۆسمۈرلەرنى ئائىلىسىدىن ئايرىش قاتارلىق خىتاينىڭ جىنايەتلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندا، مەزكۇر ساختا تەشكىلاتلار يىغىننى قالايمىقان قىلىشقا ئۇرۇنىدىكەن. ئۇلارنىڭ سانى كۆپ بولغاچقا، ب د ت يىغىنىدا تېخىمۇ كۆپ سۆز قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدىكەن. مەسىلەن، 2024-يىلىدىكى خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى خاتىرىسىنى قەرەللىك تەكشۈرۈش يىغىنىدا سۆز قىلىش ۋاقتىنىڭ يېرىمدىن كۆپرەكى مەزكۇر خىتايپەرەس ساختا تەشكىلاتلارغا بېرىلگەن.

مەزكۇر تەكشۈرۈش دوكلاتىدا يەنە بىر ئېچىنىشلىق ئەھۋال قەيت قىلىنغان بولۇپ، نۆۋەتتە خىتايغا قارشى پائالىيەتچىلەر، شەخسلەرنىڭ ب د ت نىڭ يىغىنلىرى ۋە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش نىسبىتى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالغان. ھالبۇكى، 2018-يىلىدىن بۇيان ب د ت دا تىزىمغا ئالدۇرۇلغان خىتاينىڭ ساختا «ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات»لىرى تەخمىنەن بىر ھەسسە كۆپەيگەن.

بۇ خەۋەر 82 قېتىم كۆرۈلدى
30/04/2025 13:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق