خىتاي نۆۋەتتە ئامېرىكا بىلەن بولغان تاموژنا بېجى ئۇرۇشىنى پەسەيتىشكە تىرىشىۋاتقان بولۇپ، %125 لىك تاموژنا بېجى كەچۈرۈم قىلىنغان بىر قىسىم ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىچكى ئەھۋالدىن خەۋەردار بىر نەچچە كىشى خىتاينىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ خىتاي شىركەتلىرى بىلەن ئاسترىتتىن ئالاقىلاشقانلىقىنى، ئۇلارغا باج كەچۈرۈم قىلىنغان ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىنىڭ تىزىملىكىنى يوللىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
ئالدىنقى ھەپتە ۋال كوچىسى گېزىتى خىتاينىڭ بىر قىسىم ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىدىن جىمجىتقىنا باج كەچۈرۈم قىلغانلىقىنى، مەزكۇر مەھسۇلاتلار يېرىم ئۆتكۈزگۈچ، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ياساش ئۈسكۈنىسى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، ئاۋىياتسىيە زاپچاسلىرىغا ئوخشاش خىتاي باشقا دۆلەتلەردىن سېتىۋالالمايدىغان مەھسۇلاتلار ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلغانىدى. نۆۋەتتە بولسا ئالاقىدار تىزىملىكنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان.
شۇنداقتىمۇ، خىتاي ھازىرغا قەدەر ئامېرىكا بىلەن ھېچقانداق سۆھبەت ئۆتكۈزمىگەنلىكىنى، تاموژنا بېجى مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن ئاخىرىغىچە تۇتىشىدىغانلىقىنى، قەتئىي يول قويمايدىغانلىقىنى دەۋا قىلماقتا.