ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئالدىراۋاتقان خىتاي 2021-يىلى ئۇيغۇرلار سەۋەبلىك ياۋروپا پارلامېنتىدىن ئۆچ ئېلىپ، جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن بەش پارلامېنت ئەزاسىغا يۈرگۈزۈلگەن جازانى ئەمەلدىن قالدۇردى.
ياۋروپا پارلامېنتى 30-ئاپرېل خىتاينىڭ 2021-يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بەش پارلامېنت ئەزاسىغا يۈرگۈزگەن جازانى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى ۋە بۇنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سۆھبەتنىڭ قايتا قوزغىتىلىشى ئۈچۈن مۇھىم قەدەم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا پارلامېنتى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا خىتاينىڭ قارارىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى، ئەمما بۇ خىتاي بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئارىسىدىكى كۆپلىگەن مەسىلىلەرنى، خۇسۇسەن ئىنسانىي ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش قاتارلىق يادرولۇق مەسىلىلەردىكى ئىختىلاپنى يوققا چىقىرالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقى 2021-يىلى 22-مارتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە جازا لاگېرىغا قاماش، باستۇرۇش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغان بىر قىسىم خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋە ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش دىۋىزىيەسىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىغا جازا يۈرگۈزگەنىدى. ئەينى ۋاقىتتا خىتايمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ قارارىدىن دەرھال ئۆچ ئېلىپ، ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرى ۋە تەتقىقاتچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئون كىشىگە، شۇنداقلا تۆت ئورگانغا جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.
بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى سىياسەت ۋە جازا تەدبىرلىرىگە نازارەتچىلىك قىلىدىغان ئورگاننىڭ بىر باياناتچىسى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتىدە ياخشىلىنىش كۆرۈلمىگەنلىكىنى، بۇ سەۋەبلىك خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىغا قاراتقان جازانى بىكار قىلغان تەقدىردىمۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي ئەمەلدارلارغا يۈرگۈزۈلگەن جازانى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.