خىتاي ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىپ، مەجبۇرىي ئەمگەككە سالسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي ئاققۇنلىرىنى يۇقىرى تەمىنات، ئىش پۇرسىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا يۆتكەپ كەلگەن. خىتاي بۇ جىنايەتلىرىنى تېخىمۇ سىستېملىق داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاندا تۇنجى ئۆلكە دەرىجىلىك «ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت بىرلەشمىسى» تەسىس قىلدى.
خىتاي خەۋەرلىرى تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاتالمىش «شىنجاڭ ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت بىرلەشمىسى»نىڭ تۇنجى ئەزالىق يىغىنى ۋە مۇدىرىيەتنىڭ تۇنجى ئېچىلىش يىغىنى ئۈرۈمچىدىكى خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن. خەۋەردە مەزكۇر ئورگاننىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىچى-سىرتىدىكى 15 ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت ئورگىنى ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئالاقىدار ئورگانلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا قۇرۇلغانلىقى، شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇنجى ئۆلكە دەرىجىلىك ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت بىرلەشمىسى ئىكەنلىكى ۋە خىتاينىڭ ئابىدە خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى دەۋا قىلىنغان.
بۇ جەرياندا يېڭىدىن قۇرۇلغان مەزكۇر بىرلەشمە خىتاينىڭ ھەرقايسى ئۆلكە ۋە شەھەرلەردىكى ئون ئورگان بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان. خىتاي ئەمەلدارلىرى يىغىندا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئادەم كۈچى بايلىقىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئاتالمىش ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ئىبارىلەر تەكىتلەنگەن بولۇپ، خىتاي ئاققۇنلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا كۆپلەپ جەلپ قىلىشقا ئىشارەت قىلغان.
خىتاي يېقىنقى يىللاردا خىتاي ئاققۇنلىرىنى ھەقسىز ئۆي، ھەقسىز يەر، يۇقىرى مائاش قاتارلىقلار بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا يەرلەشتۈرۈۋاتقان بولۇپ، ئالدىنقى ئايدا ئۈرۈمچىدە مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، ئاتالمىش «ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى شىنجاڭدا قېلىپ، شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ، شىنجاڭغا كېلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشكە ئىلھاملاندۇرۇش ۋە يېتەكلەش لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتقانىدى. خىتاي بۇ پىلانىدا شەرقىي تۈركىستاندا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر ئۈچۈن ھەر يىلى 200 مىڭدىن ئارتۇق ئىش ئورنى كېڭەيتىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى. يېڭىدىن قۇرۇلغان ئاتالمىش «بىرلەشمە»نىڭ خىتاينىڭ پىلانلىرىنى تېخىمۇ سىستېملىق، تېخىمۇ كېڭەيتىپ ئىجرا قىلىشقا ياردەم بېرىدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.