خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئۆزبېكىستان بىلەن سودا ھەمكارلىق يىغىنى ئۆتكۈزدى

30-ئاپرېل ئۈرۈمچىدە ئاتالمىش «شىنجاڭ-ئۆزبېكىستان ئىقتىساد ۋە سودا ھەمكارلىقى ئالماشتۇرۇش يىغىنى» ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئۆزبېكىستان باش مىنىستىرى ئارىپوف يىغىنىغا قاتناشقان.

خىتاي تەشۋىقات ئورگانلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يىغىندا ما شىڭرۈي  خىتاي-ئۆزبېكىستان دوستلۇقىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخى بارلىقى، نۆۋەتتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلگەنلىكى، شەرقىي تۈركىستان بىلەن ئۆزبېكىستاندىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قويۇق ئالاقىسى بارلىقى، بۇندىن كېيىنمۇ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالغان.

ئۆزبېكىستان باش مىنىستىرى ئارىپوفمۇ مەزكۇر يىغىنىغا قاتنىشىپ سۆز قىلغان بولۇپ، خىتاي خەۋەرلىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئارىپوف نۆۋەتتىكى مۇرەككەپ ۋە ئۆزگىرىشچان دۇنيا ئىقتىسادى ۋەزىيەتتە، ئۆزبېكىستاننىڭ ئاكتىپلىق بىلەن يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتى ئىزدەۋاتقانلىقىنى، خىتاي ئۆزبېكىستاننىڭ ئەڭ مۇھىم مەبلەغ سالغۇچىسى ۋە سودا ھەمراھى ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئۆزبېكىستانغا سالغان مەبلىغىنىڭ داۋاملىق ئاشقانلىقىنى ۋە نۆۋەتتە خىتاي-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان تۆمۈر يول تۈرىنىڭ قۇرۇلۇشى باشلانغانلىقىنى، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»دىكى شىركەت، كارخانىلارنى ئۆزبېكىستانغا مەبلەغ سېلىش، ھەمكارلىشىشقا تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر يىغىنغا يەنە خىتاي ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ كارخانا، سودا جەمئىيەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتنىشىپ، نۆۋەت بىلەن سۆز قىلغان بولۇپ، سودا، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت، سەھىيە، ئېنېرگىيە، خىمىيە سانائىتى، قېزىلما بايلىق ۋە ئېلېكتىرون سانائىتى قاتارلىق ساھەلەرنى تونۇشتۇرغان ۋە ھەمكارلىق مۇزاكىرىسى ئۆتكۈزگەن.

خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدە تەسىر كۈچىنى زورايتىش ئۈچۈن، تۈرلۈك چارە-تەدبىرلەرنى قوللىنىۋاتقان بولۇپ، تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ئىقتىسادىي جەھەتتىن بارا-بارا خىتايغا بېقىنىپ قېلىش ۋەزىيىتى شەكىللەنمەكتە. ئانالىزچىلار خىتاينىڭ كەلگۈسىدىكى مەقسىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى پۈتۈنلەي كونترول قىلىش، يۇتۇۋېلىش ئىكەنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 134 قېتىم كۆرۈلدى
02/05/2025 14:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق