بېلگىيەدىكى بىر شەھەر باشلىقى خىتاي بىلەن خۇپىيانە ھەمكارلىشىش، ئۇيغۇرلار ھەققىدە خىتاينى تەنقىد قىلغان پارلامېنت ئەزاسىنى نازارەت قىلىپ، ئۇچۇر توپلاش بىلەن ئەيىبلەنگەن بولۇپ، بېلگىيە بىخەتەرلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىن ئاگاھلاندۇرۇلغان.
سىياسەت تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي جاسۇسلۇق ئورگانلىرى 2020-يىلى بېلگىيەدىكى ھۇي شەھىرىنىڭ شۇ چاغدىكى باشلىقى ئېرىك دوسوگن بىلەن يېقىنلىشىشقا باشلىغان. ئېرىك دوسوگن خىتاي بىلەن قېرىنداش شەھەر ئالاقىسى ئورنىتىش ئارقىلىق مۇناسىۋەتنى قويۇقلاشتۇرغان بولۇپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتايغا قارشى ئاۋاز چىقارغان سابىق پارلامېنت ئەزاسى سامۇئېل كوگولاتىنى نازارەت قىلىشقا، ئۇ ھەقتە خىتاينى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشكە قوشۇلغان.
نازارەت قىلىنىشقا دۇچ كەلگەن سامۇئېل كوگولاتى 2021-يىلى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش قىلمىشىنى ئەيىبلەيدىغان قانۇن لايىھەسى سۇنغۇچىلاردىن بىرى بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ كومپيۇتېرى خىتاي خاككېرلىرىنىڭ تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.
بۇ بېلگىيەنىڭ تۇنجى قېتىم خىتاي جاسۇسىنى بايقىشى ئەمەس بولۇپ، 2023-يىلى سابىق پارلامېنت ئەزاسى فىرانك كىرېيېلمان خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەنىدى.
يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاينىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەر ۋە تەشكىلاتلاردىكى جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى ئارقا-ئارقىدىن پاش بولۇپ، خىتاينىڭ ھەقىقىي يۈزىنى دۇنياغا تونۇتماقتا.