خىتاي ئاخبارات ئەركىنلىكى جەھەتتە ئارقىدىن سانىغاندا 3-ئورۇنغا تىزىلدى

ئاخبارات ئەركىنلىكىنى تەشەببۇس قىلىدىغان ھۆكۈمەتسىز تەشكىلات «چېگراسى مۇخبىرلار تەشكىلاتى» بۈگۈن 2025-يىللىق دۇنيا ئاخبارات ئەركىنلىكى رەت تەرتىپىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاي تېخىمۇ ئارقىغا چېكىنىپ، ئارقىدىن سانىغاندا 3-ئورۇنغا تىزىلغان.

مەزكۇر تەشكىلات 2002-يىلىدىن تارتىپ باھالاپ كېلىۋاتقان ئاخبارات ئەركىنلىكى تەكشۈرۈشىدە بۇ يىل 180 دۆلەت باھالانغان. خىتاي بۇلتۇرقىدىن ئالتە ئورۇن چېكىنىپ، 178-ئورۇنغا تىزىلغان. ئامېرىكا بۇلتۇرقىدىن 10 ئورۇن چېكىنىپ، 57-ئورۇنغا تىزىلغان. ئاخبارات ئەركىنلىكىدە ئەڭ ئالدىغا تىزىلغىنى نورۋېگىيە، ئەڭ ئارقىغا تىزىلغىنى ئافرىقا دۆلىتى ئېرىترېيە ئىكەن.

چېگراسى مۇخبىرلار تەشكىلاتى بۇ يىللىق دوكلاتىدا تۇنجى قېتىم ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئومۇميۈزلۈك چېكىنگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يەرشارى خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي چېكىنىشنىڭ ئاخبارات ساھەسىگە كۆرسەتكەن سەلبىي تەسىرىنى تىلغا ئالغان.

خىتاي نۆۋەتتە دۇنيا بويىچە ژۇرنالىستلارنى ئەڭ كۆپ تۇتقۇن قىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلماقتا.

بۇ خەۋەر 151 قېتىم كۆرۈلدى
02/05/2025 14:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق