سودا ئۇرۇشىدا ئامېرىكىغا قىلچە تىز پۈكمەيدىغانلىقى، ئاخىرىغىچە تۇتىشىدىغانلىقى ھەققىدە جار سېلىپ كەلگەن خىتاي ئامېرىكا بىلەن سۆھبەتلىشىش مەسىلىسىنى باھالاۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.
خىتاي سودا مىنىستىرلىقى 2-ماي ئەتىگەندە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ئامېرىكا بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان سودا سۆھبىتىنى باھالاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلىسىدە سەمىمىي بولۇشى كېرەكلىكىنى، ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى دەۋا قىلغان.
بۇلاردىن سىرت، خىتاينىڭ ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىدىن باج كەچۈرۈم قىلىشقا باشلىغانلىقى داۋاملىق ئاشكارىلىنىۋاتقان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر تۆتتىن بىر قىسىم ئامېرىكا ماللىرىدىن باج كەچۈرۈم قىلىپ بولغان. بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، باج كەچۈرۈم قىلىنغان 131 خىل مەھسۇلاتنىڭ قىممىتى 40 مىليارد دوللارغا يېتىدىكەن. بۇ 2024-يىلى خىتاي ئامېرىكىدىن قىلغان ئىمپورتىنىڭ 24%ىنى ئىگىلەيدىكەن.
نۆۋەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ خىتاينىڭ بىر قىسىم ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلىرىدىن باج كەچۈرۈم قىلغان بولۇپ، خىتاي بۇ ھەرىكەتلىرى ئامېرىكىنىڭ تەدبىرلىرى بىلەن ماس قەدەمدە مېڭىش دەپ قارالماقتا.
ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى خىتاي ئىقتىسادىغا ئېغىر زەربە بەرگەن. خىتاينىڭ ياسىمىچىلىق ساھەسى 2023-يىلى 12-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ ناچار ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان بولۇپ، بۇ تاموژنا بېجى بېسىمىنىڭ دەسلەپكى ئىپادىلىرى ئىكەن.
خىتاي ئىزچىل تۈردە ئامېرىكا بىلەن سۆھبەتلەشمىگەنلىكىنى دەۋا قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئالدىنقى كۈنلەردە خىتاي سودا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مەخپىي ھالدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن كۆرۈشۈشكە بارغانلىقى كورىيە تاراتقۇلىرى تەرىپىدىن ئاشكارىلانغانىدى.