TikTok ياۋروپادا غايەت زور جەرىمانىگە دۇچ كەلدى

خىتاينىڭ قىسقا سىن ھەمبەھرىلەش سۇپىسى TikTok ياۋروپادىكى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى خىتايغا توشۇغانلىقى ئۈچۈن، ياۋروپادا 530 مىليون ياۋرولۇق ئېغىر جازاغا ئۇچرىدى.

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىرېلاندىيە سانلىق مەلۇمات قوغداش كومىتېتى 2-ماي بايانات ئېلان قىلىپ، قىسقا سىن ھەمبەھرىلەش سۇپىسى TikTok نىڭ ياۋروپادىكى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى خىتايغا يەتكۈزگەنلىكىنى، بۇ قىلمىش ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «ئۇنىۋېرسال سانلىق مەلۇماتلارنى قوغداش نىزامى»غا خىلاپ ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىشنى ئاشكارا تۇتۇش تەلىپىنى قاندۇرمىغانلىقىنى، بۇ سەۋەبلىك TikTok قا 530 مىليون ياۋرو جەرىمانە قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىرېلاندىيە سانلىق مەلۇمات قوغداش كومىتېتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دۇنيادىكى پەن-تېخنىكا ماگناتلىرىنى نازارەت قىلىدىغان ئاساسلىق ئورگان بولۇپ، 2023-يىلىمۇ TikTok شىركىتىنى قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلالماسلىق بىلەن ئەيىبلەپ، 345 مىليون ياۋرو جەرىمانە قويغانىدى.

سانلىق مەلۇمات قوغداش كومىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلگىرى TikTok شىركىتى ياۋروپادىكى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ھېچقانداق ئۇچۇرلىرىنى خىتايدا ساقلىمىغانلىقىنى دەۋا قىلغان. ئەمما ئالدىنقى ئايدا بۇ قىلمىشىنى ئېتىراپ قىلىپ، چەكلىك تەرىقىدە خىتايغا سانلىق مەلۇمات توشۇغانلىقىنى، ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆچۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر كومىتېت ياۋروپادىكى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۇچۇرلىرى خىتايدا ساقلانغان تەقدىردە، خىتاي رېجىمىنىڭ بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى كۆرەلەيدىغانلىقىنى، TikTok شىركىتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى تەلەپ قىلغاندەك، ياۋروپادىكى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى قوغدىمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، TikTok شىركىتى جەرىمانە تۆلىگەندىن سىرت، ئالتە ئاي ئىچىدە ئۆزىنىڭ سانلىق مەلۇماتلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى تەڭشىشى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشى كېرەك ئىكەن.

خىتايغا تەۋە TikTok سۇپىسىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئىزچىل تەرىقىدە دىققەت قوزغاۋاتقان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر پاكىستان، ھىندىستان قاتارلىق بىر نەچچە دۆلەتتە TikTok ئەپ دېتالى پۈتۈنلەي چەكلەنگەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى TikTok شىركىتىنىڭ ئامېرىكىدىكى مۇلازىمىتىنى سېتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، ئاخىرقى چەك توشقان بولسىمۇ، نۆۋەتتىكى پىرېزىدېنت دونالد تىرامپ تەرىپىدىن كۆپ قېتىم كېچىكتۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 141 قېتىم كۆرۈلدى
03/05/2025 09:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق