خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى مۇھىم ئاشلىق بازىسى قىلىش ئۈچۈن كۈچىمەكتە

خىتاي ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاننى مۇھىم ئېنېرگىيە مەنبەسى، ئاشلىق مەنبەسى، ئەرزان ئەمگەك كۈچى مەنبەلىرىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن زور مىقداردا كۈچ ۋە خىراجەت ئاجرىتىۋاتقان بولۇپ، يېقىن كەلگۈسىدە ئاشلىق ئامبىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ قۇرۇشنى پىلانلىغان.

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي بۇ يىل شەرقىي تۈركىستاندا «ھوسۇلنى كۆپەيتىش، ئامبارنى كۆپەيتىش، زاپاسنى كۆپەيتىش» شوئارى بويىچە، يېڭىدىن ئاشلىق يىغىپ ساقلاش ئامبار سىغىمچانلىقىنى 600 مىڭ توننىدىن كۆپرەك ئاشۇرۇشنى، بۇ ئارقىلىق ئاشلىق جەھەتتىكى ئۇزاق مەزگىللىك ئېھتىياجنى قاندۇرۇشنى پىلانلىغان.

خەۋەردە بۇ يىل شەرقىي تۈركىستاندا ئاشلىق-ياغ ساقلاش ئەسلىھەلىرىنى قوغداش، ئەنگە ئېلىش، باشقۇرۇشنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكى، زاپاس ئاشلىقنى سېتىۋېلىش خىزمىتىنىڭ تەڭشەلگەنلىكى، ئاشلىقنى زاپاس ساقلاش ئۇل ئەسلىھە تۈرىنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرى» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپ، سېلىنما ياردىمىگە ئېرىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ بارلىق شەكىللىرىنى سىستېمىلىق ئىجرا قىلغىنىدەك، ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان بۇلاڭ-تالاڭلىرىمۇ ئومۇمەن ھەممە ساھەگە كېڭەيتىلگەن بولۇپ، خىتاي تۈرلۈك يىغىنلىرىدا، تەشۋىقات مەزمۇنلىرىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە ۋە «خىتاينىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش»قا ئوخشاش ئىبارىلەرنى كۆپلەپ تەكرارلىماقتا.

بۇ خەۋەر 79 قېتىم كۆرۈلدى
05/05/2025 15:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق