خىتاينىڭ غايەت زور كۆلەملىك ئەلچىخانا سېلىشىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ لوندوندا غايەت زور كۆلەملىك ئەلچىخانا سېلىش پىلانىنى تەستىقلاش-تەستىقلىماسلىقنى بۇ ئايدا قارار قىلىدىغان بولۇپ، نەچچە مىڭلىغان كىشى يىغىلىپ، بۇنىڭغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

خىتاينىڭ لوندون شەھىرىدىكى خان جەمەتى پۇل قۇيۇش زاۋۇتىنىڭ بۇرۇنقى ئورنىغا غايەت زور كۆلەملىك ئەلچىخانا سېلىش پىلانى ئەنگلىيەدە غۇلغۇلا قوزغاپ كەلگەن مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇندىن ئىلگىرىمۇ خىتاينىڭ بۇ پىلانىغا قارشى چوڭ كۆلەملىك نامايىشلار ئۆتكۈزۈلگەنىدى. 3-ماي خان جەمەتى پۇل قۇيۇش زاۋۇتى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا خوڭكوڭلۇقلارنى ئاساس قىلغان نەچچە مىڭلىغان كىشى قاتناشقان ۋە «خىتايغا باش ئېگىش مەڭگۈلۈك مەغلۇبىيەتتۇر» دەپ يېزىلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ، شوئار توۋلاشقان. بۇ ئۆكتىچىلەرنىڭ بۇ يىل خىتاينىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ئەلچىخانا قۇرۇشىغا قارشى ئۆتكۈزگەن ئۈچىنچى قېتىملىق چوڭ كۆلەملىك نامايىشى ھېسابلىنىدىكەن.

نامايىشنى تەشكىللىگۈچىلەر پۇل قۇيۇش زاۋۇتىنى ئايلىنىپ يۈرۈش قىلغان بولۇپ، بۇ جەرياندا خوڭكوڭ، تىبەت ۋە ئۇكرائىنالىقلارنىڭ ۋەكىللىرى نۇتۇق سۆزلىگەن. ئۇلار نۇتۇقلىرىدا خىتاينىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ئەلچىخانا سېلىش پىلانىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئەنگلىيەدە ياشايدىغان چەت ئەللىكلەرگە نىسبەتەن دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش، نازارەت قىلىش ۋە باشقا تەھدىتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى بۇ پىلاننى توختىتىشقا چاقىرغان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردە قۇرۇپ چىققان مەخپىي «ساقچى پونكىتلىرى»دىن سىرت، يەنە ئەلچىخانا، كونسۇلخانىلىرىنىڭ، دىپلوماتلىرىنىڭ چەت ئەلدىكى باستۇرۇشتا، نازارەت قىلىشتا قولى بارلىقى كۆپلەپ ئاشكارىلانماقتا. بۇ سەۋەبلىك خىتاينىڭ ھەرقانداق كېڭەيتىش، زورايتىش پىلانلىرى دىققەت نۇقتىسى بولۇپ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 111 قېتىم كۆرۈلدى
05/05/2025 15:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق