3-ماي ئىستانبۇلغا جايلاشقان ساباھاتتىن زايىم ئۇنىۋېرسىتېتىدا، دىنىي ئىلىملەر كەسپىدە ئوقۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق ماگىستىر ۋە دوكتورانت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 2-نۆۋەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان ئاكادېمىكلار، ئۇستازلار، جامائەت ئەربابلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلار ئىشتىراك قىلدى.
شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ئاكادېمىكلارنىڭ ھەمدەمدە بولۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. ئارقىدىن چاناققەلئە 18-مارت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور، دوكتور نۇرئەھمەد قۇربان ۋە ئىستانبۇل مەدەنىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوتسېنت، دوكتور ئالىمجان بۇغدا ئېچىلىش سۆزى قىلدى.
ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈپ ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا لېكسىيە سۆزلىگەن ئوقۇغۇچىلار ئىسلام قانۇنشۇناسلىقى، قۇرئان تەتقىقاتى، پەلسەپە تارىخى، تارىختا ئۆتكەن ئۇيغۇر ئالىملارنىڭ ئەسەرلىرى، نۆۋەتتىكى رېئال مەسىلىلەر ھەققىدىكى ئىلمىي ئىزدىنىشلىرىنى سۇندى ۋە ئىشتىراكچىلارنىڭ تۈرلۈك سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
يىغىن خۇلاسىسىدە بۇ قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتۇرۇلغان ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ ئۈچ خىل تىلدا يېزىلغانلىقى، بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا لېكسىيە سۆزلىگۈچىلەرنىڭ ئارىسىدا خانىم-قىزلارنىڭ زور نىسبەتتە كۆپىيىشى قاتارلىق نۇقتىلارنىڭ تەقدىرلەشكە تېگىشلىك ئىكەنلىكى ئالاھىدە تەكىتلەندى. يىغىن ئاخىرىدا لېكسىيە سۆزلىگۈچىلەرگە مۇكاپات تەقدىم قىلىندى.