خىتاي يېقىنقى يىللاردا شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي ئاققۇنلىرىنى يەرلەشتۈرۈش قەدىمىنى ئالاھىدە تېزلەتكەن بولۇپ، ئاتالمىش «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دەۋرىدىن قېلىپ قالغان ئىپتىدائىي تەشۋىقات ئۇسۇللىرى بىلەن بۇ جىنايىتىنى داۋاملىق پەردازلىماقتا.
خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ 5-مايدىكى خەۋىرىدە شى جىنپىڭنىڭ ئاتۇش شەھىرى قاراجول يېزىسى شېھىت باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى ئاتالمىش «غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى»غا جاۋاب خەت قايتۇرغانلىقى، بۇنىڭ «مائارىپ خىزمەتچىلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغانلىقى، مەكتەپنىڭ قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەنلىكى»دەك ساختا تەشۋىقات ھېكايىسى ئورۇن ئالغان.
خەۋەردە ئاتالمىش «غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلىرى»نىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىرتىدىن كەلگەنلىكى، چېگرا قوغداش، مائارىپقا ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغانلىقى، شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرىدىن ئىلھام ئېلىپ، خىزمىتىنى تېخىمۇ جانپىدالىق بىلەن داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى دەۋا قىلىنغان.
خىتاي تارىختىن بۇيان بۇ خىل كونا تەشۋىقات ئۇسۇلىنى كۆپلەپ قوللىنىپ كەلگەن بولۇپ، «ماۋ زېدۇڭنىڭ پالانى كەنت ئاھالىسىگە يازغان جاۋاب خېتى، جياڭ زېمىننىڭ پۇستانى ئوقۇغۇچىلارغا قايتۇرغان مەكتۇپى...» تەرىقىسىدىكى ساختا تەشۋىقات خەۋەرلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە تونۇشلۇق بولۇپ كەتكەن. خىتاي بۇ قېتىم ئوخشاش ئۇسۇلنى تەكرارلاش ئارقىلىق، ئالاھىدە يۇقىرى تەمىناتلار بىلەن خىتاي ئاققۇنلىرىنى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستانغا كەڭ كۆلەمدە يەرلەشتۈرۈشتەك ئۇزۇن يىللىق جىنايىتىنى پەردازلاشقا، ئاققۇن يۆتكەش تەشۋىقاتىنى بازارغا سېلىشقا ئۇرۇنغان.