ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپنىڭ سودا مەسلىھەتچىسى يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئەنگلىيەنى ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتاي بىلەن سودا مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرماسلىق كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
تىرامپنىڭ سودا مەسلىھەتچىسى پېتېر ناۋارو ئالدىنقى كۈنلەردە كۈندىلىك تېلېگراف گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئەنگلىيەنى خىتاي مەنپەئەت يەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈنلا، سودا مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرماسلىقى كېرەكلىكىنى، بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدىكى تاموژنا بېجى سۆھبىتىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىشى مۇمكىنلىكىنى، مەزكۇر ئىككى گەۋدە خىتاينىڭ تۆكمە بازىرىغا ئايلىنىپ قېلىشقا قارشى تۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئالاقىدار خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، باش ۋەزىر كېر سىتارمېر باشچىلىقىدىكى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ تاموژنا بېجىدىن قۇتۇلۇشقا تىرىشماقتىكەن. ئەنگلىيە ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىرگە، خىتاي ۋە ياۋروپا بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىنى ئىزچىل ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما بۇ سىياسەت ئاخىرىدا ئىككىسىدىن بىرنى تاللاشقا مەجبۇرلايدىكەن.
تىرامپنىڭ مەسلىھەتچىسى پېتېر ناۋارو ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سودا كېلىشىمى سۆھبىتىنىڭ تېز ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىگە ئوخشاش بەزى مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمىسا، بۇنىڭ بەدىلىنى تۆلەيدىغانلىقىنى قەيت قىلغان.
ئۇ يەنە ئەگەر ئەنگلىيە ياكى دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر دۆلەت ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ساھەلىرىنى قوغداش ئۈچۈن، تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرۈشكە ئۇرۇنسا، ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭغا يول قويمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا ئەنگلىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئېكسپورت بازىرى ئىكەن.