پارلامېنت ئەزالىرى خىتاينىڭ ئۆزەك ئەتكەسچىلىكىگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتتى

ئامېرىكىنىڭ بىر پارلامېنت ئەزاسى Nvidiaغا ئوخشاش سۈنئىي ئەقىل ئۆزەكلىرىنىڭ سېتىلغاندىن كېيىنكى ئورنىنى بېكىتىش، بۇ ئارقىلىق خىتايغا ئەتكەس قىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە قانۇن لايىھەسى سۇنۇشنى پىلانلىدى. مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئىككى پارتىيەنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەخسۇس خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، يېقىنقى مەزگىللەردە ئامېرىكىنىڭ ئېكسپورت چەكلىمىسىگە خىلاپ ھالدا، Nvidia نىڭ زور مىقداردىكى ئىلغار ئۆزەكلىرىنىڭ خىتايغا ئەتكەس قىلىنغانلىقى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان. Nvidia شىركىتى بولسا ئۆزەكلىرى سېتىلغاندىن كېيىن ئىز قوغلىيالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى سۇنغۇچى كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى بىل فوستېر بۇرۇن بىر فىزىك بولۇپ، ئۇ سېتىلغاندىن كېيىن ئۆزەكلەرنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش تېخنىكىسىنىڭ نۆۋەتتە مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. باشقا مۇتەخەسسىسلەرمۇ ئۇنىڭ بۇ قارىشىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

بىل فوستېر بۇ ھەقتە رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ: «بۇ كېلەچەكتىكى خىيالىي مەسىلە ئەمەس، بەلكى نۆۋەتتىكى رېئال مەسىلە. مەلۇم مۇددەتتىن كېيىن بىز خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ياكى ھەربىي ساھەسىنىڭ كۆپ ساندىكى ئۆزەكلەردىن پايدىلىنىپ قورال-ياراغ لايىھەلەۋاتقانلىقىنى ياكى سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى بايقايمىز، خۇددى يادرو تېخنىكىسىدەك تېز سۈرئەتتە» دېگەن.

نۆۋەتتە Nvidia شىركىتى بۇ خەۋەر توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈرۈشنى رەت قىلغان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئالدىنقى ئايدا كەسكىن قارار چىقىرىپ، Nvidia شىركىتىنىڭ خىتايغا سۈنئىي ئەقىل ئۆزەكلىرىنى ئېكسپورت قىلىشىنى چەكلىگەنىدى. Nvidia شىركىتى بولسا بۇ قارار سەۋەبلىك، شىركىتىنىڭ 5.5 مىليارد دوللار زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى ئالاھىدە كومىتېتى بىر دوكلاتىدا  خىتاي شىركىتى DeepSeek نىڭ 60 مىڭ تال Nvidia ئۆزىكىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 20 مىڭ ئۆزەكنىڭ ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايغا ئېكسپورت قىلىشىنى چەكلىگەن ئۆزەكلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

Nvidia شىركىتى ئالدىنقى ھەپتە خىتاي بازىرى ئۈچۈن يېڭى تىپتىكى ئۆزەك لايىھەلەۋاتقانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلمىغان ئاساستا، خىتايدىكى خېرىدارلىرىنى مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى، يېڭى تىپتىكى ئۆزەكنىڭ 6-ئايدا ئوتتۇرىغا چىقىرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

بۇ خەۋەر 84 قېتىم كۆرۈلدى
06/05/2025 09:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق