خىتاي بۇ يىل تالان-تاراجغا مەركەزلەشكەن 500 نۇقتىلىق تۈرنى پىلانلىدى

خىتاي بۇ يىلمۇ شەرقىي تۈركىستاننى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى تېخىمۇ كېڭەيتىشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇ يىل ئىچىدە تەبىئىي بايلىقلارغا مەركەزلەشكەن 500 نۇقتىلىق تۈرنى يولغا قويۇشنى پىلانلىغان.

ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى» بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي بۇ يىل شەرقىي تۈركىستاندا ئومۇمىي سېلىنمىسى 3 تىرىليون 470 مىليارد يۈەنگە يېتىدىغان 500 نۇقتىلىق تۈرنى يولغا قويۇشنى پىلانلىغان. يىللىق پىلان بويىچە بۇنىڭ ئىچىدە 406 مىليارد 900 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملىنىدىكەن.

خەۋەردە بۇ يىل شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۇقتىلىق تۈر سانىنىڭ 2024-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا 70 تۈر كۆپەيگەنلىكى، يىللىق پىلاندىكى سېلىنمىنىڭ 56 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك ئاشقانلىقى، كۆلەم ۋە سان جەھەتتىن زورايغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 500 نۇقتىلىق تۈر ئىچىدىكى 443 تۈر سۇ بايلىقى، ئېلېكتىر تورى، نېفىت-تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى، نېفىت - تەبىئىي گاز زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش، كۆمۈردىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سىستېمىسى قاتارلىق تەبىئىي بايلىق، ئېنېرگىيە ساھەسىگە مەركەزلەشكەن. قالغان 57 نۇقتىلىق تۈرمۇ ساياھەتچىلىك قاتارلىق خىتاي كۈچەۋاتقان ساھەلەرگە چېتىلغان.

خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا ھەرقايسى ساھەلەر بويىچە مەبلەغ سېلىشنى داۋاملىق زورايتىۋاتقان بولۇپ، بۇنى ئاتالمىش «شىنجاڭنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» تەرىقىسىدە تەشۋىق قىلماقتا. ھالبۇكى، خىتاينىڭ بۇ مەبلەغ تۈرلىرى ئاساسلىقى شەرقىي تۈركىستاننىڭ غايەت زور تەبىئىي بايلىقىنى، ئېنېرگىيە زاپىسىنى تېز سۈرئەت ۋە زور كۆلەمدە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، خىتايغا توشۇش، مەجبۇرىي ئەمگەك ئورۇنلىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پەردازلاش ئۈچۈن خىزمەت قىلماقتا.

بۇ خەۋەر 144 قېتىم كۆرۈلدى
07/05/2025 15:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق