ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ يولغا قويغان يۇقىرى نىسبەتتىكى تاموژنا بېجى خىتاينىڭ سودا ساھەسىگە ئېغىر زەربە بەرگەنلىكتىن، بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە خىتايدىن ئامېرىكىغا قىلىنغان ئېكسپورت نىسبىتى 20 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالغان.
نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى 6-ماي ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا سودا ئۇرۇشىنىڭ تەسىرى ئېنىق نامايان بولغان بولۇپ، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ ئېيىدا خىتايدىن ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلىنغان مەھسۇلات قىممىتى 102 مىليارد 700 مىليون دوللار بولغان. بىرىنچى پەسىلدە خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان ماللار ئامېرىكا ئومۇمىي ئىمپورتىنىڭ ئاران %11 نى ئىگىلىگەن.
تىرامپنىڭ 4-ئاينىڭ بېشىدا خىتايغا قاراتقان تاموژنا بېجى قارارى تەمىنلەش زەنجىرىدە زەنجىرسىمان ئىنكاس پەيدا قىلغان. مەھسۇلاتلارنىڭ خىتايدىكى شىركەت-زاۋۇتلاردىن دېڭىز-ئوكيان ھالقىپ توشۇلۇشى ۋە ئامېرىكا بازىرىغا يېتىپ كېلىشى ئۈچۈن ھەپتىلەپ ۋاقىت كەتكەچكە، تاموژنا بېجى قارارىنىڭ تەسىرلىرى ياز پەسلىدە تېخىمۇ روشەن كۈچىيىشى مۇمكىن ئىكەن.
مۇتەخەسسىسلەر تاموژنا بېجى 90 كۈن توختىتىلغان دۆلەتلەرنىڭ ئېكسپورت نىسبىتىنىڭ يەنىلا يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، ئەمما خىتايغا نىسبەتەن تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ مارت ئېيىدا يولغا قويغان قوشۇمچە تاموژنا بېجى قارارىنىڭ تەسىرى كۆرۈلۈشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
نۆۋەتتە ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ھەر ئىككىسى تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىدىغان سودا كېلىشىمىنى كېڭىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما كېلىشىمنىڭ قاچان روياپقا چىقىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.