CIA خىتاي ئەمەلدارلىرىنى مەخپىيەتلىك بىلەن تەمىنلەشكە چاقىرىپ سىن تارقاتتى

ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (CIA) بىر نەچچە كۈن بۇرۇن خىتايچە ئىشلەنگەن ئىككى سىن تارقىتىپ، خىتايدىكى ئەمەلدارلارنى ئامېرىكىغا مەخپىي ئۇچۇر يوللاشقا تەشۋىق قىلدى.

مەزكۇر سىنلاردا توقۇلما ۋەقەلىك ئارقىلىق، ئىككى خىتاي ئەمەلدارنىڭ خىتاي رېجىمى ۋە نۆۋەتتىكى چىرىكلەشكەن تۈزۈمدىن نارازى بولغانلىقى ۋە ۋەھىمە ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقى، بۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ، خىتاي رېجىمىنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇشقا تىرىشقانلىقىدەك مەزمۇنلار كۆرسىتىلگەن.

مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جون راتكىلىف بۇ سىنلارنى تارقىتىشتىكى مەقسىتىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى قارار چىقارغۇچىلار ئۈچۈن پايدىلىق ئۇچۇر مەنبەسىگە ئېرىشىش ئىكەنلىكىنى، سىنلار ئارقىلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىغا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى بىلەن مەخپىي ئالاقە ئورنىتىش ئۇسۇلى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئەمەلدارلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى بىخەتەرلىك بىلەن تەمىنلىيەلەيدىغانلىقىدەك بىر ئۇچۇرنى يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ ئالدىنقى ئايدا ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا خىتاينىڭ ئامېرىكا مەركىزىى ئىستىخبارات ئىدارىسىغا نىسبەتەن ھەممىدىن مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى، تارىختىن بېرى ھېچقانداق بىر كۈچنىڭ خىتايغا ئوخشاش ئامېرىكىغا بۇنداق خىرىس ئېلىپ كەلمىگەنلىكىنى تەكىتلىگەنىدى.

مەركىزىى ئىستىخبارات ئىدارىسى مەزكۇر سىنلارنىڭ خىتاينىڭ تور توسۇقلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، كۆزلىگەن نىشانغا يېتىپ بارالايدىغانلىقىغا ئىشەنچى بارلىقىنى تەكىتلىگەن بولۇپ، بىر ئەمەلدار: «بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلمىگەن بولسا، بىز بۇ خىل سىنلارنى ئىشلەپ تارقاتمىغان بولاتتۇق» دېگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لىن جيەن تۈنۈگۈن مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، مەزكۇر سىنلارنى تارقىتىشنىڭ قىپقىزىل سىياسىي ئىغۋاگەرچىلىك ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقى ۋە چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە تاقابىل تۇرىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالدى.

بۇ خەۋەر 148 قېتىم كۆرۈلدى
07/05/2025 15:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق