خىتاينىڭ دېڭىزدىكى زومىگەرلىك ھەرىكەتلىرى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا

فىلىپپىن خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ تالاش-تارتىشتىكى سىكاربورو ئارىلى ئەتراپىدا ئىنتايىن خەتەرلىك ھەرىكەت قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن بولۇپ، بۇ قېتىملىق ۋەقە ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇش پاراخوتلىرىغا چېتىشلىق ئىكەن.

فىرانسىيە رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، فىلىپپىن ئارمىيەسى باياناتىدا بۇ ۋەقەنىڭ 5-ماي سكاربورو ئارىلىغا 20 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان ئورۇندا يۈز بەرگەنلىكىنى، ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكا-فىلىپپىن بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ ئىككى قوغدىغۇچى پاراخوتىنىڭ فىلىپپىننىڭ چارلىغۇچى پاراخوتىغا يېقىنلاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ۋەقەدە خىتاي پاراخوتى بىلەن فىلىپپىن پاراخوتىنىڭ ئارىلىقى 100 مېتىرغىمۇ يەتمىگەن.

فىلىپپىن ھەربىي قىسمى خىتاي ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ سوقۇلۇش خەۋپى پەيدا قىلىدىغان خەتەرلىك ھەرىكىتىنى ئەيىبلەپ، ئۇنى «تەھدىت ۋە ئىغۋاگەرچىلىك» دەپ سۈپەتلىگەن. خىتاي بولسا فىلىپپىن ئۇرۇش پاراخوتى ئەۋەتىپ، خىتاينىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلىشقا ئۇرۇندى، دەپ جار سالغان.

ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىن ھەر يىلى «مۈرىنى مۈرىگە تىرەش» ناملىق بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىللىق مانېۋىر مۇشۇ جۈمە ئاخىرلىشىدىكەن.

خىتاي بىلەن فىلىپپىننىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدە ئىگىلىك ھوقۇقى تالاش-تارتىشى ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاينىڭ زومىگەرلىك ھەرىكەتلىرى تېخىمۇ كۈچەيمەكتە.

بۇ خەۋەر 757 قېتىم كۆرۈلدى
08/05/2025 14:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق