شى جىنپىڭ رۇسىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن رۇسىيەگە يېتىپ بارغان بولۇپ، 7-مايدىن 10-مايغىچە زىيارەتتە بولىدىكەن. بۇ ھەرىكەتنىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا بىتەرەپ مەيداندا ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىۋاتقان خىتاينىڭ رۇسپەرەس يۈزىنى خەلقئاراغا تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەنلىكى تەكىتلەنمەكتە.
خاتىرىلەش مۇراسىمى ھارپىسىدا ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن موسكۋاغا ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىخەتەرلىكنى سەۋەب قىلىپ، مۇراسىمغا قاتناشمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ناتسىست گېرمانىيەگە قارشى ئۇرۇش قىلغان رۇسىيە نۆۋەتتە ياۋروپاغا تاجاۋۇز قىلغۇچى سۈپىتىدە تونۇلغان بولۇپ، بۇ قېتىملىق مۇراسىمغا قاتنىشىش ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى خاتىرىلەش ئەمەس، بەلكى تاجاۋۇزچىنى قوللىغانلىق دەپ قارالغان. شۇنداقتىمۇ شى جىنپىڭ زىيارەت قارارىنى ئۆزگەرتمەستىن، رۇسىيەگە بارغان.
بۇ شى جىنپىڭنىڭ ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەندىن بۇيان رۇسىيەنى 11-قېتىم زىيارەت قىلىشى ھېسابلىنىدىكەن. بۇ قېتىملىق مۇراسىمغا ئون نەچچە دۆلەتنىڭ رەھبىرى قاتنىشىدىغان بولۇپ، رۇسىيە ئۇكرائىناغا 8-مايدىن 11-مايغىچە ئۈچ كۈن ئۇرۇش توختىتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما ئۇكرائىنا بۇنداق قىلىشنىڭ شەكىلۋازلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى، ئەسلى رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا ئوتتۇرىغا قويغان 30 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قوشۇلۇشى كېرەكلىكىنى، شۇندىلا تىنچلىق مەسىلىسىدە ھەقىقىي ئىلگىرىلەش بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. شۇنداقتىمۇ، رۇسىيە ئۆز ئالدىغىلا ئۇكرائىنادا دەرھال كۈچكە ئىگە بولىدىغان ۋە 11-ماي يېرىم كېچىگىچە داۋاملىشىدىغان ئۇرۇش توختىتىش قارارىنى ئېلان قىلغان.
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودېمىر زېلېنسكىي بىر نەچچە كۈن بۇرۇنقى سۆزىدە مۇراسىمغا قاتنىشىدىغان دۆلەتلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ، رۇسىيە تەۋەلىكىدە يۈز بەرگەن ھەرقانداق ئىشقا ئۇكرائىنانىڭ مەسئۇل بولالمايدىغانلىقىنى، بەلكى رۇسىيە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى، ئۇكرائىنانىڭ بۇ ھەقتە ھېچقانداق كاپالەت بېرەلمەيدىغانلىقىنى، چۈنكى رۇسىيە بۇ جەرياندا قەستەن ۋەقە تۇغدۇرۇپ، بۇنى ئۇكرائىناغا ئارتىپ قويۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى. رۇسىيەمۇ ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قاتتىق ئىنكاس قايتۇرغانىدى.