خىتاي تاموژنا بېجى ئۇرۇشىدا ئامېرىكا قەتئىي باش ئەگمەيدىغانلىقىنى، سۆھبەتلىشىشنىڭ شەرتى ئامېرىكىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى نىسبەتتىكى تاموژنا بېجىدىن ۋاز كېچىشى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان بولسىمۇ، بۇ ھەپتە ئامېرىكا بىلەن سۆھبەتلىشىشكە قوشۇلدى.
نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ سۆھبەت ۋەكىللىرى 10-ماي شىۋېيتسارىيەدە ئۇچرىشىپ، تاموژنا بېجى مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتلىشىدىكەن. ئۇچرىشىشقا خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سودا ئەمەلدارى خې لىفېڭ بىلەن ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى سىكوت بېسېنت قاتنىشىدىكەن. ئەمما ئاقساراينىڭ سودا مەسلىھەتچىسى پېتېر ناۋارو سۆھبەت ئۆمىكىدە يوق ئىكەن.
بۇندىن ئىلگىرى خىتاي سودا سۆھبىتى ئۈچۈن تاموژنا بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ شەنبە ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەتتىن بۇرۇن تاموژنا بېجىنى ھەرگىز تۆۋەنلەتمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
خىتاي باش ئېگىپ سۆھبەت ئۈستىلىگە كەلگەنلىكىنى پەردازلاشقا، ئۆزىنىڭ سودا سۆھبىتىگە ئالدىراۋاتقانلىقىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بولۇپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ ئۈمىدى، خىتاينىڭ مەنپەئەتى ۋە ئامېرىكىدىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ چاقىرىقلىرىغا ئاساسەن بۇ قارارنى چىقارغانلىقىنى دەۋا قىلغان.
مالىيە مىنىستىرى بېسېنت تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىملىق سۆھبەتنىڭ ئاساسلىق نۇقتىسى نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىش ئىكەنلىكىنى، ھەرگىزمۇ چوڭ تىپتىكى كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئەمەسلىكىنى قەيت قىلغان.
نۆۋەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كۆپ قىسىم خىتاي ماللىرىغا %145 باج قويغان بولۇپ، خىتاي بۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئامېرىكا ماللىرىغا %125 باج قويغان. ئەمما خىتاينىڭ ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىدىن باج كەچۈرۈم قىلىشقا باشلىغانلىقى داۋاملىق ئاشكارىلىنىۋاتقان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر تۆتتىن بىر قىسىم ئامېرىكا ماللىرىدىن باج كەچۈرۈم قىلىپ بولغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ خىتاينىڭ بىر قىسىم ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلىرىدىن باج كەچۈرۈم قىلغان.