خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا تارىخىي بىناكارلىقلارنى، مەسچىت، مەدرىسەلەرنى ۋەيران قىلىش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى بۇرمىلايدىغان مۇزېيلارنى، ئورگانلارنى قۇرۇۋاتقان بولۇپ، يېقىندا يەنە كۇچادا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەڭ چوڭ مۇزېي تۈركۈمى قۇرۇشنى پىلانلىغان.
شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يېقىندا خىتاي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى ئاتالمىش «كۇچا يىپەك يولى دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى ماقۇللىغان بولۇپ، كۇچا شەھىرىدە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن پايدىلىنىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان.
خىتاي مەزكۇر تۈر قۇرۇلۇشى ئارقىلىق كۇچا شەھىرىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەڭ چوڭ مۇزېي تۈركۈمىنى قۇرۇشنى پىلانلىغان بولۇپ، «خىتاي-غەرب مەدەنىيلىكىدىن ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش» «مىڭ يىللىق كۈسەن-كۆپ خىل مەدەنىيەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى» قاتارلىق خىتاينىڭ ئىشغالىيەت تارىخىنى بۇرمىلاش ئۇرۇنۇشلىرىغا ماس تېمىلاردا ساياھەت نۇقتىلىرىنى بەرپا قىلىدىكەن. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر تۈر 2027-يىلىنىڭ بېشىدا ئۆتكۈزۈۋېلىنىدىكەن.
خىتاي يېقىنقى يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندا كۆپلىگەن مۇزېيلارنى ۋە تەتقىقات ئورگانلىرىنى تەسىس قىلغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشغالىيىتىنى يوشۇرۇش، ئۇيغۇر تارىخىنى بۇرمىلاش، ئۆچۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرماقتا. جۈملىدىن، خىتاي بۇلتۇر كۇچا يەر ئاستى قەدىمىي قەبرىستانلىقى مۇزېيىنى ئېچىپ، قەدىمىي قەبرىنىڭ قۇرۇلۇش ئالاھىدىلىكى ۋە مەدەنىيەت ئېلېمېنتلىرىنى ئىلمىيلىككە زىت ھالدا بۇرمىلاپ چۈشەندۈرگەنىدى ۋە مەزكۇر قەبرىستانلىقىنىڭ «شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىختىن بېرى خىتاينىڭ باشقۇرۇشىدا ئىكەنلىكى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن باغلانغان، ئۆز ئارا يۇغۇرۇلغان مەدەنىيەت ئىكەنلىكى، تارىختا شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەرقايسى رايونلاردا ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىيە خەلقلەر ئەمەس، بەلكى خىتايدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ياشىغانلىقى»دەك نومۇسسىزلارچە سەپسەتىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلغانىدى.
بۇلتۇر خەلقئارالىق مۇكاپاتلار بىرلەشمىسى ۋە ئامېرىكا مۇزېيلار ئىتتىپاقى بىرلىكتە تارقىتىدىغان مىيۇس لايىھە ئالتۇن مۇكاپاتى خىتاي ئاچقان كۇچا يەر ئاستى قەدىمىي قەبرىستانلىقى مۇزېيىغا بېرىلگەنلىكى ئۈچۈن تەنقىدكە ئۇچرىغانىدى. خىتاي بولسا بۇنى ئالاھىدە ئۇتۇق سۈپىتىدە تەشۋىق قىلغانىدى.