بىر قىسىم ياۋروپا كارخانىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ئۈرۈمچىگە باردى

8-ماي خىتاي-ياۋروپا كارخانىچىلىرى ئىقتىساد ۋە سودا ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئىسپانىيە، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن بىر قىسىم كارخانىچىلار ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى 60 نەچچە خىتاي شىركىتىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان.

خىتاي كۈندىلىك گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر يىغىنغا ياۋروپا كارخانىچىلار ۋەكىللەر ئۆمىكىدىن 18 كىشى ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئالاقىدار ئورگانلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان بولۇپ، يىغىندا سودا ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش، سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىسى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا، ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇش ۋە شەرقىي تۈركىستاندا ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ يىللىق (خىتاي) ئاسىيا-ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسىنىڭ تەييارلىقلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان.

خەۋەردە خىتاي ۋە ياۋروپانىڭ سودا مىقدارىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللەردىكى 2 مىليارد 400 مىليون دوللاردىن بۈگۈنكى 780 مىليارد دوللارغا يەتكەنلىكى، خىتاي-ياۋروپا يۈك پويىزى قاتناش سانىنىڭ 100 مىڭ قېتىمدىن ئاشقانلىقى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بولسا «بىر بەلباغ، بىر يول» پىلانىدىكى يادرولۇق رايون ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان.

خىتاي نۆۋەتتە 2025-يىللىق (خىتاي) ئاسىيا-ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسىگە تەييارلىق قىلىۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر كۆرگەزمە 26-ئىيۇن باشلىنىدىكەن. كۆرگەزمىگە خىتاينىڭ نەچچە مىڭلىغان شىركەتلىرى قاتناشقاندىن سىرت، يەنە 80 نەچچە دۆلەتنىڭ خىتايدىكى ئەلچىخانا، كونسۇلخانىلىرىغا تەكلىپ ئەۋەتىلگەن.

گەرچە ياۋروپا ئىتتىپاقى مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى قارار ماقۇللىغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى كونكرېت بېكىتىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، شىركەتلەرنىڭ سودا ئالاقىسى داۋاملاشماقتا. خىتاي مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى توسالغۇسىز ھالدا ياۋروپا، ئاسىيا ئەللىرىگە توشۇماقتا.

بۇ خەۋەر 183 قېتىم كۆرۈلدى
09/05/2025 12:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق