ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى 8-ماي ئىراننىڭ نېفىت ئېكسپورتىغا قاراتقان جازانى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ خېبېي ئۆلكىسىدىكى بىر نېفىت چەككىلەش زاۋۇتى ۋە شەندۇڭ ئۆلكىسىدىكى ئۈچ پورت تېرمىنالى شىركىتىنى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزدى. مەزكۇر شىركەتلەر ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا يۈرگۈزگەن جازاسىغا خىلاپلىق قىلىپ، ئىراننىڭ نەچچە يۈز مىليون دوللار قىممىتىدىكى خام نېفىتىنى سېتىۋالغان ياكى توشۇشقا قولايلىق يارىتىپ بەرگەن.
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي ئىران نېفىتىنى ئەڭ كۆپ سېتىۋالغۇچى ئىكەن. جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن زاۋۇت، شىركەتلەر ئىراننىڭ خام نېفىت ئېكسپورتىدىكى مۇھىم لىنىيەگە ئايلانغان..بۇ ھەرىكەت ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ نېفىت چەككىلەش زاۋۇتلىرىغا قاراتقان ئۈچىنچى قېتىملىق جازا قارارى ھېسابلىنىدىكەن. بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ جازا قارارى خىتاينىڭ باشقا چوڭ تىپتىكى نېفىت چەككىلەش زاۋۇتلىرىنىڭ ئىراندىن خام نېفىت سېتىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا باشلىغان.
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى سىكوت بېسېنت ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: «پىرېزىدېنت تىرامپنىڭ ئەڭ چوڭ بېسىم ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، مالىيە مىنىستىرلىقى بۈگۈن ئىراندىن خام نېفىت ئىمپورت قىلغان يەنە بىر نېفىت چەككىلەش زاۋۇتىغا جازا يۈرگۈزدى. بىزنىڭ ئىران ھاكىمىيىتىنى نېفىت كىرىمىدىن تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ مەھرۇم قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ مۇقىم كۈنتەرتىپكە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىنى ئالدىنى ئېلىش ئىرادىمىز قەتئىي» دېگەن.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىر باياناتىدا يەنە: «ئىران نېفىت كىرىمىدىن پايدىلىنىپ مۇقىمسىزلىق ھەرىكىتىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدىكەن، ئامېرىكا ئىران ۋە جازادىن قېچىۋاتقان شېرىكلىرىنىڭ ھەممىسىنى جاۋابكارلىققا تارتىدۇ» دەپ تەكىتلىگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئىراننىڭ نېفىت ئېكسپورتى ئۇزۇندىن بۇيان «سايە فىلوتى» دەپ ئاتالغان بىر تۈركۈم ماي پاراخوتلىرىنىڭ تىرانسىپورتىغا تايىنىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلار دېڭىزدا يۆتكەپ توشۇش، پاراخوتنىڭ تىزىملاش مەلۇماتلىرىدا ساختىلىق قىلىش ۋە ئاپتوماتىك پەرقلەندۈرۈش سىستېمىسىنى تاقاش ئارقىلىق، خەلقئارانىڭ نازارەت قىلىشىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەن.