ياۋروپا پارلامېنتى 8-ماي كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن قارار ماقۇللاپ، خىتاينىڭ تىبەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، دالاي لامانىڭ ۋارىسىنى بەلگىلىشىگە قول تىقىش قاتارلىق قىلمىشلىرىنى ئەيىبلىدى.
مەزكۇر قارار 478 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 30 ئاۋازنىڭ قارشى چىقىشى ۋە 41 ئاۋازنىڭ ۋاز كېچىشى بىلەن ماقۇللانغان. تىبەتلەرگە ئالاقىدار قاراردا خىتاينىڭ تىبەتتىكى ئىزچىل داۋاملاشقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى، دىنىي باستۇرۇشلىرى ئەيىبلەنگەن ۋە شۇنداقلا خىتاي رېجىمى دالاي لامانىڭ ۋارىس بەلگىلىشىگە ئارىلىشىش قىلمىشىنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرىلغان. قاراردا يەنە خىتايدىن قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىنغان شەخسلەرنى، جۈملىدىن ئۇيغۇر زىيالىي ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىش تەلەپ قىلىنغان.
مەلۇم بولۇشىچە، دالاي لاما بۇ يىل 3-ئايدا نەشر قىلىنغان كىتابىدا ۋارىسىنىڭ ئەركىن دۇنيادا تۇغۇلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئەمما خىتاي بولسا تىبەتلەرنىڭ يېڭى دىنىي داھىيسىنى ئۆزى تەستىقلايدىغانلىقىنى دەۋا قىلىپ كەلگەن.
ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ قارارىدا خىتاينىڭ تىبەتتە ياتاقلىق مەكتەپلەرنى تەسىس قىلىپ، تىبەت ئۆسمۈرلىرىنى مەجبۇرىي يىغىۋېلىپ ئاسسىمىلياتسىيە قىلغانلىقى، خىتايغا قارشى شەخسلەرنى دۆلەت ھالقىپ باستۇرغانلىقى ئەيىبلەنگەن. ياۋروپا پارلامېنتى قاراردا يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن تىبەتلەرنى باستۇرۇشقا چېتىشلىق خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە ئورگانلىرىغا جازا يۈرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغان.
خىتاينىڭ ياۋروپادا تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكى 9-ماي بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تىبەتكە ئالاقىدار مەسىلىلەردە يالغان ئۇچۇرلارنى تارقاتقانلىقى، خىتاينىڭ ئوبرازىغا قارا سۈركىگەنلىكى، ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشقانلىقى، خىتاينىڭ بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالدى.