ياۋروپا رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق جىنايىتى ئۈچۈن سوت قۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنادا يىغىن ئۆتكۈزۈپ، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە ئالاقىدار شەخسلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىق جىنايىتىنى جاۋابكارلىققا تارتىدىغان ئالاھىدە سوت قۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 9-ماي ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى كايا كالاس ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنانىڭ غەربىدىكى لىۋىۋ شەھىرىدە يىغىن چاقىرىپ، تەخمىنەن 40 دۆلەتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق جىنايىتىنى سوتلايدىغان ئالاھىدە سوت قۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

مۆلچەرلىنىشىچە، رۇسىيە ھۆكۈمىتى ۋە ھەربىي ئەمەلدارلىرىنى ئەيىبلەش ۋە سوتلاش ھوقۇقى بېرىلىدىغان مەزكۇر ئالاھىدە سوت 2026-يىلى ياۋروپادىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى نازارەت قىلىشقا مەسئۇل خەلقئارالىق ئورگان ۋە ياۋروپا كېڭىشى رامكىسى ئاستىدا قۇرۇلىدىكەن.

ئەمما خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن، ئالاھىدە سوت ۋەزىپىدىكى دۆلەت باشلىقىنى ئەيىبلىيەلمەيدىكەن. بۇ سەۋەبلىك، نۆۋەتتىكى باسقۇچتا پەقەت تەكشۈرۈش، دەلىل-ئىسپات توپلاش خىزمەتلىرىنى ئىجرا قىلالايدىكەن. ئامېرىكا بۇندىن ئىلگىرى ئالاھىدە سوت تەسىس قىلىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بۇ قېتىم ئالاھىدە سوت قۇرۇشنى تەستىقلىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىدە كۆرۈلمىگەن.

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى 2023-يىلى مارت ئېيىدا پۇتىننى ئۇكرائىنالىق بالىلارنى رۇسىيەگە قانۇنسىز يۆتكەش ۋە ئۇرۇش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقارغانىدى. ئەينى ۋاقىتتا رۇسىيە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ ئەزاسى ئەمەسلىكىنى، بۇ سەۋەبلىك سوتنىڭ پۇتىننى تۇتۇش بۇيرۇقىنىڭ ئىناۋەتسىزلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

بۇ خەۋەر 85 قېتىم كۆرۈلدى
10/05/2025 13:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق