خىتاي مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ ئاسان تارقاتماقتا

خىتاي ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپچىقىرىلغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى تاشيول، تۆمۈريول ۋە ھاۋا قاتنىشى بىر تۇتاش ھالەتكە كەلتۈرۈلگەن لىنىيە ئارقىلىق، ياۋروپا، ئاسىيا ئەللىرىگە تېخىمۇ ئاسان تارقاتماقتا.

ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، قورغاس تاموژنىسى 8-ماي مىڭدىن ئارتۇق خەلقئارا پوچتا يوللانمىسى قاچىلانغان خىتاي-ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قورغاس تۆمۈريول چېگرا ئېغىزىدىن يولغا چىققانلىقىنى، ئاخىردا قازاقىستاننىڭ بىروندەي ۋوگزالىغا يېتىپ بارىدىغانلىقىنى، بۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى خەلقئارا پوچتا يوللانمىسىنىڭ تۇنجى قېتىم خىتاي-ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزىغا قاچىلىنىپ چېگرادىن چىقىشى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

مەزكۇر نۆۋەتچى پويىزغا ئاساسلىقى كىيىم-كېچەك، ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى قاتارلىق خەلقئارا پوچتا يوللانمىلىرى قاچىلانغان بولۇپ، پۈتۈن مۇساپىگە تەخمىنەن ئىككى كۈندىن ئۈچ كۈنگىچە ۋاقىت كېتىدىكەن. ئارقىدىن بۇ پوچتا يوللانمىلىرى ياۋروپادىكى 20 نەچچە دۆلەتكە بۆلۈپ تارقىتىلىدىكەن. خەۋەردە ئۈرۈمچى خەلقئارا پوچتا يوللانمىسى تىرانسپورتىنىڭ تاشيول، تۆمۈريول ۋە ھاۋا لىنىيەسى بىلەن تولۇق قاپلانغانلىقى ئالاھىدە تەشۋىق قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 1-پەسىلدە قورغاس چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق قاتنىغان خىتاي-ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى 2375 قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28.5 ئاشقان، مال ئۆتكۈزۈش مىقدارى 3 مىليون 336 مىڭ توننىغا يەتكەن. كۈندە قاتنايدىغان خىتاي-ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر ئىككى سائەتتە بىر قېتىمغا توغرا كېلىدىغان بولۇپ، چېگرا سىرتىدىكى 18 دۆلەت، 46 شەھەر ۋە رايونغا تۇتاشقان.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ بىر پارچىسى بولغان مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايىتى ھازىرغا قەدەر توختىماي داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا يولغا قويغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى»غا ئاساسەن، شەرقىي تۈركىستاندىن چىققان بارلىق مەھسۇلاتلار مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق دەپ بېكىتىلگەنىدى. يېقىنقى يىللار مابەينىدە خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى قاتناش لىنىيەلىرىنى توختىماي كېڭەيتىش ئارقىلىق، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى تاشيول، تۆمۈريول ۋە ھاۋا قاتنىشى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلغان لىنىيە ئارقىلىق بىۋاسىتە ياۋروپا، ئاسىيا ئەللىرىگە يەتكۈزەلەيدىغان ھالەتكە كەلمەكتە ۋە بۇنى ئالاھىدە ئۇتۇق سۈپىتىدە تەشۋىق قىلماقتا.

بۇ خەۋەر 76 قېتىم كۆرۈلدى
10/05/2025 13:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق