خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئېنېرگىيە بايلىقلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇش جىنايىتىدىن باشقا، قۇملۇقتا قۇرۇپ چىققان ھەربىي مەشىق ئورۇنلىرى، تەقلىدىي ھۇجۇم نىشانلىرى خەلقئارالىق تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
فىرانسىيەنىڭ نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورگىنى بولغان دۇنيا گېزىتىنىڭ سىنلىق تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ ئىككى مۇخبىرى خىتاينىڭ ھەربىي قىسمىنى تەتقىق قىلغان يېڭى دوكلات تەييارلىغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى قۇملۇقنىڭ ئىچكى قىسمىدا ياساپ چىقىلغان 30 غا يېقىن ھەربىي ئەسلىھە مودېللىرىنى ئېنىقلاپ چىققان. مەزكۇر مودېللار ئامېرىكا، تەيۋەن، ياپونىيەگە ئوخشاش خىتاينىڭ رەقىبلىرىنىڭ ئاۋىياماتكىلىرى، پورتلىرى، ئاھالە رايونلىرىغا ئوخشاش ھەربىي ئۈسكۈنىلىرى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىغا تەقلىد قىلىنغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى يېقىنقى ئىككى يىل ئىچىدە قۇرۇلغانىكەن. مۇخبىرلار بۇنى خىتاي قىسىملىرىنىڭ تەھدىت سېلىش تاكتىكىسىنى ئېچىپ بەرگەن بىر بايقاش دەپ قارىغان بولۇپ، خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردا تەيۋەنگە قارىتا بارغانسېرى كۈچەيتىۋاتقان تەھدىت، زومىگەرلىك ھەرىكەتلىرى ۋە تەيۋەننىڭ ئىنكاسىنى تەپسىلىي بايان قىلغان.
خىتاينىڭ تەكلىماكان قۇملۇقىدا تەقلىدىي نىشان ياساش ھەرىكەتلىرى بۇندىن ئىلگىرىمۇ كۆپ قېتىم ئاشكارىلانغان بولۇپ، بۇلتۇر سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىگە ئاساسلانغان بىر خەۋەردە خىتاي ئارمىيەسىنىڭ تەكلىماكان قۇملۇقىدا ئامېرىكىنىڭ F-22 ۋە F-35 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىغا ئوخشايدىغان كۆپلىگەن تەقلىدىي نىشان ۋە بازا قۇرغانلىقى، تەقلىدىي ئايرودۇرۇم يولى ۋە ئايروپىلانلاردا بومبا تەگكەن ئىزلارنىڭ كۆرۈلگەنلىكى، بۇلار خىتاي ئارمىيەسىنىڭ دۈشمەن ھەربىي بازىلىرىغا ۋە ئايروپىلانلىرىغا ھۇجۇم قىلىش مەشىقى قىلغانلىقىنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكى بايان قىلىنغانىدى.