ئامېرىكا بىلەن خىتاي كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ۋەكىللىرى جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىككى كۈنلۈك سۆھبەتتىن كېيىن، تاموژنا بېجى مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى، ھەر ئىككى تەرەپ باجنى %115 تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى سىكوت بېسېنت ۋە خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى خې لىفېڭنىڭ باشچىلىقىدىكى ئىككى تەرەپ ۋەكىللەر ئۆمىكى 10-ماي شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئۇچراشقان بولۇپ، ئىككى كۈن داۋاملاشقان سۆھبەتتە كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2-ئاپرېلدىن تارتىپ خىتايدىن باشقا دۆلەتلەرگە يولغا قويۇلغان تاموژنا بېجىنى 90 كۈن كېچىكتۈرۈش قارارى خىتايغىمۇ ئىجرا قىلىنغان.

ھەر ئىككى تەرەپ تاموژنا بېجىنى %115 تۆۋەنلىتىشكە قوشۇلغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا خىتايغا قويغان تاموژنا بېجى %145 تىن %30 كە، خىتاي ئامېرىكىغا يولغا قويغان %125 لىك تاموژنا بېجى %10 كە چۈشۈرۈلگەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ فېنتانىل مەسىلىسىدە خىتايغا ئىجرا قىلغان %20 لىك تاموژنا بېجى داۋاملىق ساقلاپ قېلىنغان. ئىككى تەرەپ بۈگۈن بۇ ھەقتە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، يۇقىرىقى تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىغان.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى بېسېنت سۆھبەتتىن ئىلگىرى تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشنىڭ ئاساسلىق نۇقتىسى نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىش ئىكەنلىكىنى، ھەرگىزمۇ چوڭ تىپتىكى كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئەمەسلىكىنى قەيت قىلغانىدى. ئەمما ئىككى تەرەپ ئۇچرىشىشتىن كېيىن كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

بۇ خەۋەر 102 قېتىم كۆرۈلدى
12/05/2025 16:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق