ياپونىيەنىڭ 11-رايون دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت باش ئىشتابى 11-چېسلا ئەتىگەندە خىتاينىڭ «خەيكې 001» ناملىق دېڭىز تەكشۈرۈش پاراخوتىنىڭ سېنكاكۇ تاقىم ئارىلىدىكى تائىشو ئارىلىغا تەخمىنەن 236 كىلومېتىر كېلىدىغان ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايوندا ھەرىكەت قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ياپونىيە تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، تەكشۈرۈش پاراخوتى پاراخوتنىڭ يان تەرىپىدىن تۇرۇبىغا ئوخشاش ئۈسكۈنىنى چىقىرىپ، دېڭىزغا چۈشۈرۈپ تەكشۈرگەن. ياپونىيەنىڭ چارلىغۇچى پاراخوتى سىمسىز تېلېگراف ئارقىلىق خىتايدىن تەكشۈرۈش پائالىيىتىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلغان. ئارقىدىن تەكشۈرۈش پاراخوتى ھېچقانداق جاۋاب قايتۇرماستىن، بۇ رايوندىن ئايرىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «دېڭىز-ئوكيان قانۇنى ئەھدىنامىسى»نىڭ 13-بۆلىكىدە دېڭىز-ئوكيان ئىلمىي تەكشۈرۈشى توغرىسىدا ئالاھىدە باب بار بولۇپ، ئۇنىڭدا باشقا دۆلەتلەرنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدىكى دېڭىز-ئوكيان ئىلمىي تەكشۈرۈشىدە چوقۇم دېڭىز بويىدىكى دۆلەتنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەكلىكى بەلگىلەنگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى بۈگۈن بۇ ھەقتىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، سېنكاكۇ ئارىلىنىڭ ئەزەلدىن تارتىپ خىتايغا تەۋە ئىكەنلىكى، تەكشۈرۈش پاراخوتلىرىنىڭ بۇ رايوندىكى پائالىيەتلىرىنىڭ پۈتۈنلەي خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا تەۋە ئىش ئىكەنلىكى ھەققىدە جار سالدى.
خىتاي ھازىرغا قەدەر سېنكاكۇ ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىپ كەلمەكتە ۋە بۇ رايوندىكى قۇتراتقۇلۇق، زومىگەرلىك ھەرىكەتلىرىنى ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرماقتا.