ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ ۋەزىيىتى ناچارلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ شەنبە كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا تۇيۇقسىز ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، ھىندىستان ۋە پاكىستاننىڭ تۆت كۈنلۈك چېگرا ھالقىغان توقۇنۇشتىن كېيىن دەرھال ۋە ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش توختىتىشقا قوشۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
BBC نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مۇتەخەسسىسلەر ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىك يوللار ۋە رايونلۇق كۈچلەر ئارقىلىق پەردە ئارقىسىدا مۇرەسسەچىلىك قىلىشىنىڭ ئاچقۇچلۇق رول ئويناپ، يادرو قورالىغا ئىگە ئىككى رەقىبنى ئۇرۇش گىردابىدىن قايتۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىسھاق دار يەرلىك تاراتقۇلارغا تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 30 نەچچە دۆلەتنىڭ مۇرەسسە قىلىشقا قاتناشقانلىقىنى ئېيتقان.
ئەمما ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئېلان قىلىنىپ بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن، ھىندىستان پاكىستاننى كېلىشىمگە قايتا-قايتا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن. پاكىستان بولسا ئەسكەرلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتچان ھەرىكەت قىلغانلىقىنى ۋە ئۇرۇش توختىتىش ۋەدىسىنى ئورۇندىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئالدىنقى ئايدا ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىردە يۈز بەرگەن ئەجەللىك ھۇجۇمدا 26 ساياھەتچى قازا قىلغاندىن كېيىن، ھىندىستان پاكىستان ۋە پاكىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىرگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانىدى. بىر نەچچە كۈن داۋاملاشقان توقۇنۇشتا ھەر ئىككى دۆلەت قارشى تەرەپنىڭ ھۇجۇمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك توسۇۋالغانلىقى ۋە زور زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.