خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە تەسىرىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، تۈرلۈك خەلقئارالىق يىغىن ۋە مۇنبەرلەرنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋاملىشىۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندا ئۆتكۈزۈلۈشى دىققەت قوزغاپ كەلمەكتە. بۇنىڭ جۈملىسىدىن 12-ماي ئۈرۈمچىدە تۇنجى قېتىملىق خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا مائارىپ مىنىستىرلىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.
خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئورگان تور بېتىدە خەۋەر قىلىنىشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى»نىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي، خىتاي مائارىپ مىنىستىرى خۇەي جىنپېڭ، مۇئاۋىن مائارىپ مىنىستىرى ۋۇ يەن قاتارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرى يىغىنغا قاتنىشىپ سۆز قىلغان. ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىن قازاقىستاننىڭ ئىلىم-پەن ۋە ئالىي مائارىپ مىنىستىرى، قازاقىستان مائارىپ مىنىستىرى، قىرغىزىستان مائارىپ ۋە ئىلىم-پەن مىنىستىرى، تاجىكىستان مائارىپ ۋە ئىلىم-پەن مىنىستىرى، تۈركمەنىستان مائارىپ مىنىستىرى ۋە ئۆزبېكىستان ئالىي مائارىپ مىنىستىرى قاتارلىقلار قاتنىشىپ سۆز قىلغان.
ما شىڭرۈي يىغىندا كونا ئىبارىلىرىنى تەكرارلاپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدىغانلىقىنى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن يۇقىرى قاتلاملىق مائارىپ ۋە پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ قەرەللىك ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى، خەلقئارالىق كۇتۇپخانىلارنى كېڭەيتىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان. ئارقىدىن خىتاينىڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىرى ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلغان.
يىغىندا «خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا مائارىپ مىنىستىرلىرىنىڭ يىغىن مېخانىزمى خىزمەت نىزامنامىسى» ۋە «خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا مائارىپ مىنىستىرلىرى يىغىنىنىڭ ئۈرۈمچى خىتابنامىسى» ماقۇللانغان. يىغىندا يەنە خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا كەسىپ-مائارىپ بىرىكمە ئىتتىپاقى ۋە يەرشارى ئوقۇتقۇچىلار تەرەققىيات ئاكادېمىيەسى ئوتتۇرا ئاسىيا ئىنستىتۇتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاي-قازاقىستان سەرخىل ئىنژېنېرلار ئىنستىتۇتىنىڭ قۇرۇلۇش توختامى ئىمزالانغان. بۇلاردىن سىرت، بىر تۈركۈم تەتقىقات ھەمكارلىق ئورگانلىرىنىڭ قۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىنغان.
خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنىڭ دائىرىسى بارغانسېرى كېڭىيىۋاتقان بولۇپ، بۇلتۇر 24-سېنتەبىر خىتاي−ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئالىي سوت مەھكىمىسى باشلىقلىرى يىغىنىمۇ ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەنىدى. ئەينى ۋاقىتتا خىتاي سوت مەھكىمىسى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ باشلىقلىرى بىلەن، ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ»، دۆلەت ھالقىغان تەشكىللىك جىنايەت، توردىكى جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، رايون خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداش ھەققىدە ئورتاق كېڭەشكەنلىكىنى دەۋا قىلغانىدى. خىتاي بۇ قېتىم ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مائارىپ ساھەسىگە تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق، يۇمشاق كۈچىنى تېخىمۇ زورايتىش نىيىتىنى ئاشكارىلىغان.
نۆۋەتتە غەرب ئەللىرىدە قەدەممۇ قەدەم چەكلىنىۋاتقان كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى، خىتاي تىلى كۇرسلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە كېڭەيتىلمەكتە. خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى يۇمشاق كۈچىنى، ساختا تەشۋىقاتىنى زورايتىش فۇنكسىيەسىدىكى كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ ئورگان تور بېتىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە قازاقىستاندا بەش، قىرغىزىستاندا تۆت، ئۆزبېكىستاندا ئىككى، تاجىكىستاندا ئىككى كۇڭزى ئىنستىتۇتى بار ئىكەن.