خىتايلارنىڭ تۈركىيەدە پاش بولغان ئالاھىدە جاسۇسلۇق ھەرىكىتى كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى

تۈركىيە دۆلەتلىك ئىستىخبارات تەشكىلاتى ئىستانبۇلدا جىددىي ھەرىكەت ئىجرا قىلىپ، ساختا بازا پونكىتلىرى قۇرۇش ۋاسىتىسى بىلەن جاسۇسلۇق قىلغان يەتتە خىتاينى قولغا ئالدى.

CNN تۈرك قانىلىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، تۈركىيە دۆلەتلىك ئىستىخبارات تەشكىلاتى ئالدىنقى ھەپتە ئىستانبۇلدا چوڭ كۆلەملىك ھەرىكەت ئىجرا قىلىپ، يەتتە خىتاينى ساختا بازا پونكىتلىرىنى قۇرۇش، پۇقرالارنىڭ يانفونىدىكى شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئوغرىلاش ۋە خىتايغا يوللاش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئالغان.

تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر خىتايلار 2025-يىلى تۈركىيەگە كىرگەن بولۇپ، سالاھىيىتىنى يوشۇرۇپ كەلگەن. ئۇلار مەلۇم بىر شەخستىن بۇيرۇق ئېلىپ، گۇرۇپپا بولۇپ ھەرىكەت قىلىپ، كىرالىغان ماشىنىلىرى بىلەن ئىستانبۇل، ئىزمىر، بۇرسا، يالوۋا قاتارلىق شەھەرلەردە جاسۇسلۇق، ئالدامچىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. بۇ قېتىملىق ھەرىكەتتە ئۇلار ماشىنىسىدا جىنايەت ئىشلەۋاتقاندا قولغا چۈشكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتايلار ئىشلەتكەن يۆتكىلىشچان ساختا بازا پونكىتلىرى يۇقىرى چاستوتىلىق سىگنال تارقىتىپ، رايوندىكى مەۋجۇت بازا پونكىتلىرىنىڭ سىگنالىنى باستۇرىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن ئەتراپتىكى كىشىلەرگە ئۆزلىرىنىڭ سىگناللىرىنى ئەۋەتىپ، ئابۇنىتلارنىڭ بۇ تورغا ئۇلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن. جاسۇسلار بۇ ئارقىلىق يانفوننىڭ IMEI نومۇرى، IP نومۇرى، سۆزلىشىش خاتىرىسى، قىسقا ئۇچۇر، كىرېدىت كارتا ئۇچۇرلىرى قاتارلىقلارغا ئېرىشەلەيدىكەن.

ئۇلار قۇراشتۇرۇپ چىققان ساختا بازا پونكىتلىرىنىڭ ئۈسكۈنىلىرى خىتايدىن كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، توپلىغان مەلۇماتلارنى، ئابۇنىتلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى خىتايدىكى بىر مۇلازىمىتېرغا يوللىغان. ئۇلارنىڭ تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلىرى ئىستانبۇلدا ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنە سېتىدىغان بىر شىركەتنىڭ خىتاي خوجايىنى تەرىپىدىن تەمىنلەنگەن بولۇپ، مەزكۇر خىتايمۇ نۆۋەتتە نەزەربەند قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىشلىتىلگەن ئۈسكۈنىلەرنىڭ تۈركىيەگە قانداق ئۇسۇللار بىلەن كىرگۈزۈلگەنلىكىگە ئالاقىدار تاموژنا، چېگرادىن كىرىش خاتىرىلىرى ھەققىدە كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش باشلانغان.

تۈركىيەنىڭ نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ توغرۇلۇق بەس-بەستە خەۋەر تارقاتقاندىن كېيىن، خەلق ئارىسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى. خۇسۇسەن بۇ خىل ئالاھىدە جاسۇسلۇق ھەرىكىتىنىڭ تۈركىيەدە تۇنجى قېتىم كۆرۈلۈشى، جاسۇسلارنىڭ چەت ئەللىك بولۇشى ۋە سانلىق مەلۇماتلارنىڭ خىتايغا  يوللىنىشى ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى.

بۇ خەۋەر 1578 قېتىم كۆرۈلدى
13/05/2025 14:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق