خىتاي بۇ ھەپتە ئۈرۈمچىدە خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا مائارىپ مىنىستىرلىرى يىغىنى ئۆتكۈزگەندىن سىرت، يەنە بىر نەچچە خەلقئارالىق يىغىن ئۆتكۈزدى. خىتاينىڭ بۇ ھەرىكەتلىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇش تاكتىكىلىرىدىن بىرى دەپ قارالماقتا.
خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي 12-ماي ئۈرۈمچىدە تۇنجى نۆۋەتلىك خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا مائارىپ مىنىستىرلىرى يىغىنى ئۆتكۈزگەندىن سىرت، شۇ كۈنى يەنە 2025-يىللىق خىتاي − ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلەپچىقىرىش - ئوقۇتۇش - تەتقىقات - قوللىنىش ھەمكارلىق يىغىنى ۋە 13-ماي شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىرى يىغىنى ئۆتكۈزگەن.
12-ماي ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا ما شىڭرۈي خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلغانلىقىنى، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ۋە خىتاي − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى مېخانىزمى رامكىسىدا، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.
يىغىندا خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەر ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان. شۇنداقلا مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ ئالىي تەتقىقات ئورنى» قۇرۇلۇشى باشلىتىلغان.
ئۇندىن باشقا 13-ماي ئۈرۈمچىدە 9-نۆۋەتلىك شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن. يىغىنغا رۇسىيە، بېلارۇسىيە، ئىران، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئالاقىدار يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى قاتناشقان.
يىغىندا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۆلەتلىك رەقەملىك مائارىپ ئىتتىپاقى ۋە خىتاي-شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دوكتورلۇق تەربىيەلەش، يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنىڭ قۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىنغان. شۇنداقلا 10-قېتىملىق يىغىننىڭ بېلارۇسىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى بېكىتىلگەن.
يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان خىتاي كۆپلىگەن خەلقئارالىق يىغىنلارنى ئۈرۈمچىگە ئورۇنلاشتۇرۇۋتقان بولۇپ، جۈملىدىن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بۇلتۇر 7-ئايدا شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىق-2024» ناملىق بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزگەنىدى. خىتاي بۇ خىل تاكتىكىلار ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا، ھەممە ئىشنىڭ نورمال داۋاملىشىۋاتقانلىقىدەك ساختا كۆرۈنۈشنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا ئۇرۇنماقتا.