مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار يىللاردىن بۇيان پۇتبولسۆيەر روھىنى جانلاندۇرۇپ، تۈرلۈك مۇسابىقىلەرنى تەشكىللەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، يېقىندا شەرقىي تۈركىستان ئۇلۇسال پۇتبول كوماندىسىنىڭ خەلقئارالىق مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنلىكى، «شەرقىي تۈركىستان» نامى ۋە بايرىقى بىلەن مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر ھاياجان قوزغىدى.
مۇھاجىرەتتە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، بىرلەشمە تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن شەرقىي تۈركىستان ئۇلۇسال پۇتبول كوماندىسى بۇ يىل 1-ئىيۇلدىن 5-ئىيۇلغىچە لوندوندا ئۆتكۈزۈلىدىغان 2025-يىللىق Conifa (مۇستەقىل پۇتبول جەمئىيەتلىرى ئىتتىپاقى) ئاسىيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە تاللانغان. مۇستەقىل پۇتبول جەمئىيەتلىرى ئىتتىپاقى 2013-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىر شەرقىي تۈركىستان پۇتبول بىرلەشمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 40 تىن ئارتۇق ئەزاسى بار ئىكەن.
شەرقىي تۈركىستان پۇتبول بىرلەشمىسى 2019-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە كۆپلىگەن دوستلۇق مۇسابىقىلىرىنى تەشكىللىگەندىن سىرت، «شەرقىي تۈركىستان ئەركىنلىك لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسىنى قەرەللىك ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە. بۇلتۇر ئاۋغۇست ئېيىدا 5-نۆۋەتلىك «شەرقىي تۈركىستان ئەركىنلىك لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسى سەككىز دۆلەتتىكى ئۇيغۇر كوماندىلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن بېلگىيەدە ئۆتكۈزۈلگەنىدى.
شەرقىي تۈركىستان پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان ئۇلۇسال پۇتبول كوماندىسى مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئىقتىسادىي ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەقتىكى چاقىرىقلار داۋاملاشماقتا.