قازاقىستان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاۋاز چىقارغان تەتقىقاتچىنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى چەكلىدى

يېقىندا دانىيەلىك ئىنسانشۇناس، ئۇيغۇرشۇناس دوكتور رۇنى سىتىنبېرگنىڭ قازاقىستانغا كىرىشى چەكلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاۋاز چىقارغانلىقى ئاساسلىق سەۋەب بولغان.

«يەرشارىۋى ئاۋازلار» تورىنىڭ بۇ ھەقتە دوكتور رۇنې سىتىنبېرگنى زىيارەت قىلىپ ئىگىلىشىچە، ئۇ بۇرۇن قازاقىستانغا كۆپ قېتىم بارغان بولسىمۇ، 12-ئاپرېل قازاقىستاننىڭ چېگرا ساقچىلىرى تەرىپىدىن توسۇپ قېلىنغان ۋە چېگرادىن كىرىشىگە رۇخسەت بېرىلمەيدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان. دوكتور سىتىنبېرگ ساقچىلارنىڭ ئېنىق سەۋەبنى ئېيتمىغانلىقىنى، ئەمما ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەتقىقاتى بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دوكتور سىتىنبېرگ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان مەخسۇس ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىلىپلا قالماي، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە قارشى ئاكتىپ ئاۋاز چىقارغان. ئۇيغۇرچىنى راۋان سۆزلىيەلەيدىغان دوكتور سىتىنبېرگنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشى مۇمكىن بولمىغاچقا، قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىپ، تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرغان.

«يەرشارىۋى ئاۋازلار» تورى ئېلخەت ئارقىلىق ئۇنى زىيارەت قىلىپ، قازاقىستاندىن چەكلىنىش سەۋەبى ھەققىدە ئەھۋال ئىگىلىگەن. دوكتور سىتىنبېرگنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ 12-ئاپرېل كەچقۇرۇن بىشكەكتىن ئالمۇتاغا بېرىشنى پىلانلىغان ۋە قىرغىزىستاننىڭ چېگرا تەكشۈرۈشىدىن نورمال ئۆتكەن. ئەمما قازاقىستان چېگراسىغا كىرىشتە چېگرا خادىملىرى ئۇنىڭ پاسپورتىنى تەپسىلىي تەكشۈرگەن ۋە ئۇنى سۈرەتكە تارتقان. خادىملار بىردەم مۇزاكىرە قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ قازاقىستانغا كىرەلمەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان، ئەمما سەۋەبىنى ئېيتمىغان. دوكتور سىتىنبېرگ ئامالسىز بىشكەككە قايتىشقا مەجبۇر بولغان.

دوكتور سىتىنبېرگ بۇندىن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ قازاقىستان ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلىپ باقمىغانلىقىنى، ھەر قېتىم قازاقىستانغا بارغاندىمۇ تۇرۇش مۇددىتىگە رىئايە قىلغانلىقىنى، ھېچقانداق قانۇن-نىزامغا خىلاپلىقى قىلمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ۋە بۇندىن ئىلگىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى، شەرقىي تۈركىستاننى تەتقىق قىلغانلىقى ۋە ئاۋاز چىقارغانلىقى سەۋەبلىك، قازاقىستاندىن چەكلەنگەنلىكىنى، بۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق سەۋەب بولۇشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

دوكتور سىتىنبېرگ بۇندىن كېيىنكى تەتقىقاتى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان شەرقىي تۈركىستان ۋە قازاقىستاندىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتكە كىرىشتىن چەكلەنگەن بولسىمۇ، قولىدا ئىنتايىن كۆپ ماتېرىيال بارلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاۋاتقانلىقىنى، قازاقىستانغا كىرىشى چەكلەنگەنلىكى سەۋەبلىك، ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەتقىقاتىنىڭ توختاپ قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئاۋاز چىقارغان چەت ئەللىك تەتقىقاتچىلارنىڭ قازاقىستانغا كىرىشتىن تۇنجى قېتىم چەكلىنىشى ئەمەس بولۇپ، «شاھىت بىز» نامىدا زور مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پاش قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغان تەتقىقاتچى يېۋگېنىي (جىن) بۇنىنمۇ 2021-يىلى قازاقىستان تەرىپىدىن قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلۈپ، چېگرادىن كىرىشى چەكلەنگەنىدى.

بۇ خەۋەر 109 قېتىم كۆرۈلدى
14/05/2025 16:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق